14 بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار. سىلەرگە، يەنى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان ھەممىڭلارغا ئامانلىق يار بولغاي!
بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار. بۇ يەردىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان ھەممە جامائەتچىلىكتىن سىلەرگە سالام.
خۇدائاتىمىزدىن ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە ئامانلىق، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىشەنچ تىلەيمەن.
يىغىنچاقلاپ ئېيتساق، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەمدى گۇناھقا مەھكۇم قىلىنمايدۇ.
بۇ يەردىكى بارلىق قېرىنداشلار سىلەرگە سالام ئېيتتى. بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار.
مەن بۇ خەتنى ھەممىڭلارغا، يەنى خۇدا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن ۋە ئۇ مۇقەددەس خەلقىم، دەپ چاقىرغان سىلەر رىملىقلارغا يېزىۋاتىمەن. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!
بىر كىشى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولىدىكەن، ئۇ يېڭىدىن يارالغان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ كونا ھاياتى ئاخىرلىشىپ، يېڭىسى باشلانغان بولىدۇ.
سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.
بىر ھەپتىدىن كېيىن، شاگىرتلار يەنە شۇ ئۆيدە جەم بولغان بولۇپ، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەيسا كىرىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: - ئامان بولۇڭلار! - دېدى.
شۇ يەكشەنبە كۈنى كەچتە، شاگىرتلار جەم بولغان يېرىدە يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقىدىن ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى تاقىۋەتكەنىدى. شۇ پەيتتە، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا: - ئامان بولۇڭلار! - دېدى
بۇلارنى سىلەرگە مەن ئارقىلىق ئامانلىق تاپسۇن، دەپ ئېيتتىم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتكە سالىدۇ. ئەمما، غەيرەتلىك بولۇڭلار! چۈنكى، مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم!
سىلەرگە ئامانلىق قالدۇرىمەن، ئۆز ئامانلىقىمنى سىلەرگە تەقدىم قىلىمەن. مېنىڭ سىلەرگە تەقدىم قىلغىنىم بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ سىلەرگە بەرگىنىگە ئوخشىمايدۇ. كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار، قورقماڭلار.
ھەممە قېرىنداشلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار.
بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار.
خۇدائاتىمىز ئۆزىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سىلەرنى تاللىدى، مۇقەددەس روھ سىلەرنى پاك قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن گۇناھلىرىڭلاردىن يۇيۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!
ئەگەر سىلەر دوستلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، بۇنىڭ باشقىلاردىن نېمە پەرقى؟ ھەتتا بۇتپەرەسلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ!
سەن بىلەن پات ئارىدا دىدار كۆرۈشۈشنى ئەۋزەل بىلدىم. شۇ چاغدا سۆزلىشەرمىز.