13 سىلەر بىلەن بىللە خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان بابىلدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىن ۋە خۇدا يولىدىكى ئوغلۇم ماركۇستىن سىلەرگە سالام.
پېترۇس بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىپ، ماركۇس دەپمۇ ئاتالغان يۇھاننانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى.
بارنابا بىلەن سائۇل يېرۇسالېمدا ئىئانىلىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئانتاكياغا قايتىپ كەتتى. ئۇلار يۇھاننا (ماركۇس) نى بىللە ئېلىپ كەتتى.
پەرىشتە جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن مۇنداق ۋارقىرىدى: «گۇمران بولدى، كاتتا شەھەر بابىل گۇمران بولدى! ئەمدى ئۇ جىنلارنىڭ ماكانى، ھەر خىل يامان روھلارنىڭ ئۇۋىسى، ھەر خىل ئىپلاس ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ چاڭگىسىدۇر.
پېشانىسىگە «كاتتا بابىل - پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىكلەرنىڭ ئانىسى» دېگەن بىر سىرلىق نام يېزىلغانىدى.
خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ھەدىڭىزنىڭ پەرزەنتلىرىدىن سىزگە سالام!
راخابلىق ۋە بابىللىقلار باردۇر مېنى تونۇغانلار ئارىسىدا، فىلىستىيەلىك، تىرلىق ھەم ئېفىيوپىيەلىكمۇ شۇ قاتاردا. دەيمەن ئۇلار ھەققىدە: «بۇ ئادەملەر تۇغۇلغان سىئوندا.»
بارنابا ماقۇل كۆرۈپ، يۇھاننا (ماركۇس) نى بىللە ئېلىپ بارماقچى بولغانىدى.
پاۋلۇس بىلەن بارنابا بۇ ئىش يۈزىسىدىن قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ، ئاخىر بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى. بارنابا ماركۇسنى ئېلىپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ سىپرۇس ئارىلىغا كەتتى.
مەن بىلەن بىللە زىنداندا يېتىۋاتقان بۇرادىرىم ئارىستارخۇس، شۇنداقلا بارنابانىڭ جىيەنى ماركۇستىن سىلەرگە سالام. (ئەگەر ماركۇس يېنىڭلارغا بېرىپ قالسا، ئۇنى تاپىلىغىنىمدەك كۈتۈۋېلىڭلار.)
خىزمەتداشلىرىم ماركۇس، ئارىستارخۇس، دېماس ۋە لۇقالاردىن ساڭا سالام.
خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان خانىمغا ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە مەنكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسىدىن سالام! مەن چىن كۆڭلۈمدىن سىلەرنى سۆيىمەن. سىلەرنى يالغۇز مەنلا ئەمەس، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى سۆيىدۇ.