Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 5:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان. سىلەر ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، خۇدا سىلەرنى دەس تۇرغۇزۇپ، سىلەرنى چىداملىق قىلىپ، ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 5:10
39 Referans Kwoze  

بىز ئۇچراۋاتقان بۇ ۋاقىتلىق ۋە ئەرزىمەس ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىزگە تەڭداشسىز ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.


ئەمما، رەببىمىز ئىشەنچلىكتۇر. ئۇ سىلەرنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ھەم شەيتاننىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلايدۇ.


ھەممىمىزنى قۇتقۇزغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


يۈرسەممۇ گەر كۈلپەتلەردە مەن، ئۆزۈڭ مېنى روھلاندۇرىسەن. توسۇپ سەن دۈشمەنلىرىم غەزىپىنى، قۇتقۇزىسەن ئوڭ قولۇڭ بىلەن مېنى.


ئېتىقاد يولىدا ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىل. خۇدا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك ھاياتنى قەدىرلە. سەن بۇنىڭ ئۈچۈن چاقىرىلدىڭ ھەمدە نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار ئالدىدا بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاللىبۇرۇن ئوچۇق ئېتىراپ قىلدىڭ.


ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، خۇشال-خۇرام بولۇڭلار، ئېتىقادتا يېتىلگەن ئادەم بولۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار. نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىناق ئۆتۈڭلار. مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئامانلىق مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولغاي!


سىلەرنى ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ بىلەن زىچ باغلىنىشقا چاقىرغان خۇدا چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىشەنچلىكتۇر.


سىلەرگە مەدەت بەردۇق، تەسەللى بەردۇق. سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىغا ۋە شان-شەرىپىگە چاقىرغان خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە لايىق ياشاشقا دەۋەت قىلدۇق.


بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا مەنسۇپ بولغاي! خۇدا مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەيدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر بولۇپ، ئۇ قەدىمدىن بېرى ساقلىنىپ كەلگەن سىردۇر.


مەن پەرۋەردىگار خەلقىمنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئۇلار مېنىڭ يولۇمدا ماڭىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


مەن يەھۇدىيە خەلقىنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئىسرائىلىيە خەلقىنى قۇتقۇزىمەن، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان رەت قىلىنمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن.


بىز ئەيسا مەسىھنى ھەقىقىي تونۇغانلىقىمىزدىن، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى، يەنى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق بىزگە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ھايات كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلدى. ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى بىلەن چاقىردى.


ئەكسىچە، ھەممە ئىشلىرىڭلاردا پاك بولۇڭلار، چۈنكى سىلەرنى چاقىرغان خۇدا پاكتۇر.


مەن ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا مەندىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا تاللىغان بەندىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇشى ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ھەرقانداق ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتىمەن.


خۇدا سىلەرنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرىپىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا چاقىردى.


لېكىن، ماڭا بولغان ئېتىقادىڭ يوقالمىسۇن دەپ، ساڭا دۇئا قىلدىم. شەيتانغا سىنىلىپ، يولۇمغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملە.


ئى رەببىم، بەرھەق سەن مېھرىبان ۋە ئەپۇچان، مېھرىڭ چەكسىز، ئىلتىجا قىلغانلارغا ھەر قاچان.


خۇدا بىزنى قۇتقۇزۇپ، پاك ياشاشقا چاقىردى. بۇ، بىزنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى ۋە مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولدى. خۇدا بىزگە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇ مېھىر-شەپقەتنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا پىلانلىغانىدى.


لېكىن رەببىم رەھىمدىل، شەپقەتلىكسەن، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببەت، ساداقەتتە چەكسىزسەن.


ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادىڭلار چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دەرەخكە ۋە پۇختا قۇرۇلغان بىناغا ئوخشاش مۇستەھكەم بولسۇن. سىلەرگە تاپشۇرۇلغان ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇڭلار. قەلبىڭلار خۇداغا بولغان مىننەتدارلىق بىلەن تولسۇن.


سەۋر-تاقەت ۋە رىغبەت ئاتا قىلىدىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزئارا ئىناق ياشىشىڭلار ئۈچۈن ياردەم قىلغاي.


ئەيسا مەسىھنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بىزنى مەڭگۈ ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشتۇر.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. ئۇ ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇلارنى گۇناھ سادىر قىلىش سەۋەبلىك كونا ئەھدە تەرىپىدىن بېكىتىلگەن مەڭگۈلۈك ئۆلۈمدىن ئىبارەت جازادىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆلدى.


ئېتىقاد يولىدا ماڭغىنىڭلاردا، ئۈمىدنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا قەلبىڭلارنى شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-ئامانلىققا تولدۇرغاي! بۇنىڭ بىلەن، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر.


خۇدا ئۇنىڭغا: «چوڭى كىچىكىگە خىزمەت قىلىدۇ» دېگەنىدى. چۈنكى، بىر ئاتىدىن بولغان بۇ قوشكېزەكلەر، يەنى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ تېخى تۇغۇلمىغان، دېمەك ئۇلار بىرەر ياخشى ياكى يامان ئىشمۇ قىلماستا، خۇدا ئاللىقاچان ئۇلاردىن بىرنى تاللىغانىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، خۇدانىڭ ئادەملەرنى تاللىشى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىيىتىگە ئەمەس، پەقەت ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە، يەنى ئۆز چاقىرىقىغا ئاساسلانغان.


كىمگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلىسۇن، كىمگە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئىشتا خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەدھىيىلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


بىز خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار بولۇپ، يەھۇدىيلار ئارىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدىنمۇ چاقىرىلغانمىز.


غەم-غۇسسىلار دەستىدىن ھاردۇق يەتتى جېنىمغا، كالامىڭغا ئاساسەن كۈچ-قۇدرەت بەرگىن ماڭا.


قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ھەممىڭلارنى ئىتتىپاقلىشىشقا، بۆلۈنمەسلىككە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىرلىشىشكە ئۈندەيمەن.


خۇدا تەرىپىدىن ھەربىرىڭلارغا خىلمۇخىل ھەدىيە سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان قابىلىيەتلەرنى ياخشى قوللىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite