Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 4:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 خۇداغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئادەملەر ھازىر سىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش شەھۋانىي تۇرمۇشقا بېرىلمىگەنلىكىڭلارغا ئەجەبلىنىپ، سىلەرنى ھاقارەتلىمەكتە.

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 4:4
11 Referans Kwoze  

بۇنى مۇلايىملىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ئېيتىڭلار. ۋىجدانىڭلارنى ساپ تۇتۇڭلار-دە، سىلەرگە تۆھمەت قىلغۇچىلار سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلاردىن يېتىلگەن پەزىلىتىڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن.


ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئالدىدا ئېسىل پەزىلەت بىلەن ياشاڭلار. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرنى يامان ئادەم دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتىڭلارنى كۆرۈپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.


لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقتى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا: - ئەگەر سىلەر قۇتقۇزۇلمىساڭلار، مەن جاۋابكار ئەمەس، ئۆزۈڭلار جاۋابكار. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئەمەس، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمەن، - دېدى.


لېكىن، بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇلار ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك، ئۆز تەبىئىتىنىڭ ئىنكاسى بويىچە ياشاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ.


بىراق، بۇنچە كۆپ ئادەملەرنى كۆرگەن بىر قىسىم يەھۇدىيلار ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى.


ئۇنىڭ يامان يولغا قايتقىنى دەل ھېكمەتلىك سۆزلەردە ئېيتىلغىنىغا ئوخشايدۇ: «ئىت ئايلىنىپ ئۆز قۇسۇقىنى يەر» ۋە يەنە «چوشقا يۇيۇنۇپ چىقىپلا پاتقاقتا ئېغىنار.»


لېكىن، بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە خالىغانچە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر خۇددى ئوۋلىنىپ بوغۇزلىنىش ئۈچۈن تۇغۇلغان ياۋايى ھايۋاناتلاردەك ئەقىلسىز كېلىدۇ ھەمدە بۇ ياۋايى ھايۋاناتلارغا ئوخشاش ھالاك قىلىنىدۇ.


ئەيش-ئىشرەت ۋە شارابخورلۇققا، زىنا ۋە بۇزۇقچىلىق، ئۇرۇشقاقلىق ۋە ھەسەتخورلۇققا بېرىلمەڭلار. يورۇقلۇقتىكى كىشىلەردەك پاك ھايات كەچۈرۈڭلار.


بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، كىچىك ئوغلى ئۆزىگە تەگكەن مال-مۈلۈكلەرنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر دۆلەتكە بېرىپ، ئۇ يەردە مال-دۇنياسىنى خالىغىنىچە بۇزۇپ-چېچىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.


ھاراقتىن مەس بولۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئادەمنى زەئىپلىككە ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇڭلار.


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر تېشىلا پاكىز يۇيۇلغان چىنە-قاچىلارغا ئوخشايسىلەر. قوللىرىڭلارنى ياخشى يۇيىسىلەر، بىراق ئىچىڭلار ئاچكۆزلۈك ۋە شەخسىيەتچىلىك بىلەن تولغان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite