Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 4:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 كىمگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلىسۇن، كىمگە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئىشتا خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەدھىيىلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 4:11
47 Referans Kwoze  

مۇھىمى، نېمە يەپ، نېمە ئىچىشىڭلار، قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئۇنى پەقەت خۇدانىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار.


ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن.


خۇدا تەرىپىدىن ھەربىرىڭلارغا خىلمۇخىل ھەدىيە سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان قابىلىيەتلەرنى ياخشى قوللىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىڭلار.


ئۇ چۆللەردە ئەجدادلىرىمىزغا باشچىلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، سىناي تېغىدا خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈنۈپ، سۆز قىلدى. مۇسا پەيغەمبەر ھاياتلىق بەخش ئېتىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئەجدادلىرىمىزغا ۋە ئۇلار ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزدى.


ئاغزىڭلاردىن ھەرگىز يامان سۆزلەر چىقمىسۇن. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارغا پايدىلىق بولسۇن دەپ، مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى قىلىڭلار.


ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ سۆزى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلاشتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن.


ئۇلارغا قىلغان گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەمىشە يېقىملىق، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، ھەربىر ئادەمگە قانداق يول بىلەن جاۋاب بېرىشنى بىلىۋالالايسىلەر.


مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەر خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بۇ ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلغۇچى مۇقەددەس روھ بىردۇر.


شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ سېلىنىشىغا ئىشلىتىلىدىغان تىرىك تاشلاردىن بولىسىلەر. سىلەر خۇداغا ئاتالغان روھانىيلار بولۇپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى بېرەلەيسىلەر.


گەرچە سىلەر ئاللىبۇرۇن تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا تېگىشلىك بولساڭلارمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە سىلەر يەنىلا باشقىلارنىڭ خۇدانىڭ سۆزى توغرىسىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى باشتىن ئۆگىتىشىگە موھتاجسىلەر. دېمەك، سىلەرگە يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى يەنىلا سۈت كېرەك.


بارلىق ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپتۇر. ئۇ مەڭگۈلۈك پادىشاھ، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىردىنبىر خۇدادۇر، ئامىن!


مەن خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقەت بىلەن بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق بۇ ئىمارەتنىڭ ئۇلىنى خۇددى بىر ئۇستا قۇرۇلۇشچىدەك قويدۇم. باشقىلار سىلەرگە تەلىم بېرىش ئارقىلىق بۇ ئۇلنىڭ ئۈستىگە ئىمارەت سېلىۋاتىدۇ. بىراق، ھەركىم بۇ ئىمارەتنىڭ توغرا سېلىنىشىغا دىققەت قىلسۇن.


بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن. بىزنى يامانلىقتىن يىراق قىلغايسەن. »


ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق، شان-شەرەپ ۋە سەلتەنەت ئاتا قىلىندى. ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان بارلىق ئەل ۋە خەلقلەر ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەبەدىي بولىدۇ، پادىشاھلىقى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ، ھېچقاچان گۇمران بولمايدۇ.


ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.


پادىشاھلىقىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقتۇر، ھۆكۈمرانلىقىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر، پەرۋەردىگار ۋەدىسىگە سادىقتۇر، ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر.


بارلىق كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


ئۆزىنى خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم دەپ قارىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. بۇنداق ئىخلاسمەنلىكنىڭ قىلچە قىممىتى يوقتۇر.


ئۇنى رەببىم دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خۇدائاتىمىز ئۇلۇغلىنىدۇ.


ھەممە ئىشلاردا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ھەمىشە خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.


چۈنكى، ئۇ سىلەرنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنى بىلەن ئۆزىگە مەنسۇپ قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېنىڭلارنى خۇدانى ئۇلۇغلاشقا ئاتاڭلار.


ھېچكىم! چۈنكى، پەرۋەردىگارىمىز بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بارلىق مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇتتۇر. بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقاندا، مەن نىبۇكادنەزەر كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاللام سەگەكلەشتى. ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلەپ، مەڭگۈ ياشايدىغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتتىم ۋە ئۇنى ئۇلۇغلىدىم: «ئۇ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمراندۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچىدۇر.


نەقەدەر ئۇلۇغ ئۇنىڭ بېشارەتلىرى، نەقەدەر قۇدرەتلىك ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مەڭگۈلۈكتۇر ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشار ھۆكۈمرانلىقى.


ئەگەر ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدىكى يىغىلىشقا قاتناشقان بولسا ئىدى، مېنىڭ سۆزلىرىمنى خەلقىمگە جاكارلايتتى، خەلقىمنى يامان يوللىرىدىن ياندۇرۇپ، رەزىل ئىشلاردىن توسقان بولاتتى.


ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتىڭلار يەنە ھەققانىيلىق مېۋىسى بىلەن تولۇپ، خۇداغا شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىسىلەر.


سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئىئانەڭلار ئېتىقادىڭلارنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. كىشىلەر سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئېتىراپ قىلغان ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە سادىق بولغانلىقىڭلار، شۇنداقلا مال-مۈلكۈڭلارنى ئۆزلىرى ۋە كۆپچىلىك بىلەن مەردلەرچە ئورتاقلاشقانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.


بارلىق شان-شەرەپ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق دانا ۋە يېگانە خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


يەھۇدا تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئەمدى ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرىپى كۆرۈنىدىغان ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى. ئۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ شان-شەرىپىمۇ ئايان بولىدۇ.


خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ماڭا ئاتا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلارنى ئارتۇقچە باھالىماڭلار. ئەكسىچە، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن خۇدا سىلەرگە بەرگەن ئېتىقاد جەھەتتىكى قابىلىيىتىڭلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار.


ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ سۆزىنى پايدا كۆزلەپ بۇرمىلايدىغانلار ھەرگىز بۇنداق ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. بىز بولساق، ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەسمىز. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ھەم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر بولغاچقا، خۇدا ئالدىدا خۇدانىڭ سۆزىنى سەمىمىي يەتكۈزۈۋاتقانلاردۇرمىز.


شۇنداقلا، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچى بىزلەر ئۈچۈن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر قۇدرەتلىكلىكىنىمۇ چۈشەنگەيسىلەر. بۇ، دەل خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشتە ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئولتۇرغۇزغاندا نامايان قىلغان بۈيۈك كۈچ-قۇدرەتتۇر.


ئەمەلىيەتتە، خۇدا بىزنى لايىق كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى بىزگە تاپشۇردى. بىز خۇش خەۋەرنى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ قەلبىمىزنى كۆزىتىۋاتقان خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن يەتكۈزۈۋاتىمىز.


تىتۇس، ئېتىقادچىلارغا توغرا تەلىمگە لايىق ياشاشنى ئۆگىتىشىڭ كېرەك.


سەن بۇ تەلىملەرنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئۆگەت. ئۇلارغا ئىلھام بەر ھەم پۈتۈن ھوقۇقۇڭنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى تۈزەت. ھېچكىم سېنى كەمسىتمىسۇن.


خۇدانىڭ سۆزىنى سىلەرگە يەتكۈزگەن يېتەكچىلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ نەقەدەر ياخشى مېۋىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار.


ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئالدىدا ئېسىل پەزىلەت بىلەن ياشاڭلار. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرنى يامان ئادەم دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتىڭلارنى كۆرۈپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.


لېكىن، ئاراڭلاردىن بىرى ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكۈچى دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن. ئەكسىچە، شۇ نام بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن خۇدانى مەدھىيىلىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite