پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 3:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 ئەي ئەرلەر، شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن بولغان تۇرمۇشتا ئۇلارنىڭ سىلەردىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈڭلار ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار. چۈنكى، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلاردۇر. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ. Gade chapit la |
بۇ سىر يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ بۇ خۇش خەۋەرگە ئىشىنىش ئارقىلىق يەھۇدىيلار بىلەن بىللە خۇدا ئاتا قىلىدىغان ھەقىقىي بايلىققا مىراسخور بولۇشىنى، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن بىرلىكتە بىر تەننىڭ ئەزالىرى بولۇپ، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بەرگەن قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەمدى سىلەر خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭ ئالدىغا يەتتە تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار ئەكېلىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ مەن توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭلار خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭكىگە قارىغاندا دۇرۇس بولمىدى. خىزمەتكارىم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، سىلەرنى ئەخمەقلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان جازادىن خالاس قىلاي.
ئەي ئاياللار، سىلەرمۇ ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئەرلەر ئۆز ئايالىنىڭ بۇ پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ، خۇداغا ئېتىقاد قىلىشى مۇمكىن. سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئارتۇقچە گەپ قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ خۇداغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار ۋە پاك پەزىلىتىڭلارنى كۆرەلەيدۇ.