Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 3:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 گۈزەللىكىڭلار سىرتقى كۆرۈنۈشتىكى ئالاھىدە ياسىۋالغان چاچلىرىڭلار، تاقىغان ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىڭلار ۋە ئېسىل كىيىملىرىڭلاردىن ئىبارەت ئەمەس،

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 3:3
22 Referans Kwoze  

بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار، ئەكسىچە ئوي-پىكرىڭلار خۇدانىڭ يېڭىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگەرسۇن. شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھاياتىڭلارغا بولغان ئىرادىسىنى ھەمدە بۇ ئىرادىنىڭ نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر خۇرسەن قىلارلىق ۋە نەقەدەر مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر.


مەن پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن خۇشاللىنىمەن، يۈرىكىم خۇدادىن خۇشاللىق تاپىدۇ، چۈنكى ئۇ نىجاتلىقنى ماڭا چاپان قىلىپ كىيدۈردى، ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ ياپتى. خۇددى تويى بولغان يىگىت بېشىغا روھانىينىڭ ئېسىل باش كىيىمىنى كىيگەندەك، ھەم تويى بولغان قىز زىبۇ-زىننەت تاقىغاندەك خۇشاللىنىمەن.


ئەي يېرۇسالېم، سەن ھالاكەتكە يۈزلەندىڭ! نېمە ئۈچۈن شۇنچە روشەن، قىپقىزىل كىيىنىۋالىسەن؟ نېمە ئۈچۈن ئالتۇن زىبۇ-زىننەت تاقاپ، كۆزلىرىڭنى بويىۋالىسەن؟ سەن بىكاردىن-بىكار ياسىنىۋاتىسەن! سېنى سۆيگەن ئىتتىپاقداشلىرىڭ ئەمدى سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار سېنىڭ جېنىڭغا قەست قىلماقچى.


ياش ئايال زىبۇ-زىننەتلىرىنى، يېڭى كېلىنچەك توي كۆڭلىكىنى ئۇنتۇپ قالامدۇ؟ بىراق مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر مېنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇنتۇپ قالدىڭلار.


ئويغان ئەي يېرۇسالېم، ئويغان، قېنى، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغىن! ئەي مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېم، قېنى، ھەشەمەتلىك كىيىملىرىڭنى كىيگىن. بۈگۈندىن باشلاپ خەتنىسىزلەر ۋە ناپاكلار دەرۋازىلىرىڭغا باستۇرۇپ كەلمەيدۇ.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ تۆۋەندىكى سۆزلىرىمنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگىن: «سىلەر بوينى قاتتىق خەلقسىلەر. ئەگەر مەن سىلەر بىلەن ئازراقلا بىرگە بولسام، سىلەرنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. شۇڭا سىلەر ئەمدى ئۆزۈڭلاردا قېلىپ قالغان زىننەت بۇيۇملارنى ئېلىۋېتىڭلار. مەن شۇنىڭغا قاراپ سىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بەلگىلەيمەن.» بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان خەلق ئىنتايىن مەيۈسلىنىپ، زىننەت بۇيۇملارنى تاقىمايدىغان بولدى.


ئارقىدىن ئۇ كىيىم-كېچەك، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملارنى چىقىرىپ، رىبەقاغا سۇندى. ئاندىن ئاكىسى ۋە ئانىسىغىمۇ قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى بەردى.


ئاندىن مەن ئۇنىڭدىن: «سىز كىمنىڭ قىزى بولىسىز؟» دەپ سورىۋىدىم، ئۇ: «ناخور بىلەن مىلكاھنىڭ ئوغلى بېتۇئېلنىڭ قىزى بولىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ بۇرنىغا ھالقا تاقاپ، قوللىرىغا بىلەزۈك سېلىپ قويدۇم.


تۆگىلەر سۇنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ بۇرنىغا 6 گىراملىق ئالتۇن ھالقا تاقاپ، قولىغا 115 گىراملىق بىر جۈپ ئالتۇن بىلەزۈك سېلىپ قويدى.


شاھ قىزلىرى باردۇر ئىززەتلىگەنلىرىڭنىڭ ئارىسىدا، ئوفىر ئالتۇنىدا بېزەلگەن مەھبۇبۇڭ تۇرار ئوڭ يېنىڭدا.


ئۇ پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار ھەدىيە قىلغان تۇچ ئەينەكلەردىن ياسىدى.


ھارۇن ئۇلارغا: _ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىڭلارنىڭ قۇلىقىدىكى ئالتۇن ھالقىلارنى ماڭا ئەكېلىپ بېرىڭلار، _ دېدى.


ئۇلار ھەتتا يىراقتىكى ئەرلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلار كەلگۈچە بويىنى سۇغا سېلىپ، كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرتۈپ، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ،


ئۈچىنچى كۈنى ئەستىر شاھانە لىباسنى كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. پادىشاھ ئۆز خانىسىدا ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىغا قويۇلغان تەختىدە ئولتۇراتتى.


ھەدىيە سۇنۇشقا رازى بولغان ئەرلەر ۋە ئاياللار بۇلاپكا، ھالقا، ئۈزۈك ۋە بىلەزۈك قاتارلىق ھەر خىل ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئەكېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىدى.


ئىسرائىل ئاياللىرى مىسىردىن چىقىدىغاندا، مىسىرلىق قوشنىلىرى ۋە قوشنىلىرىنىڭ مېھمانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەر ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار بۇ نەرسىلەر بىلەن بالىلىرىنى ياساندۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ سىلەر مىسىرلىقلارنىڭ بايلىقلىرىنى تارتىۋالغان بولىسىلەر، _ دېدى.


يېھۇ يىزرىئەلگە كەلدى. ئىزەبەل بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرۈپ، چېچىنى تاراپ، دېرىزىدىن قاراپ تۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite