Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 3:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ئەگەر ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز خۇدانىڭ ئىرادىسى بولسا، ئۇنداقتا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز يامان ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىزدىن ئەۋزەلدۇر.

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 3:17
10 Referans Kwoze  

لېكىن، ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! باشقىلارنىڭ تەھدىتىدىن قورقماڭلار ۋە ئەنسىرەپ كەتمەڭلار.


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر جېنىنى ئىشەنچلىك ياراتقۇچىغا ئامانەت قويۇپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرسۇن.


ۋە سەل نېرىراق بېرىپ، يەرگە باش قويۇپ دۇئا قىلىپ: - ئى ئاتا، مۇمكىن بولسا بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن، بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دېدى.


ئەگەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، تېگىشلىك جازاغا تارتىلغاندا ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسە، بۇنىڭ ماختىنىدىغان ھېچ يېرى يوق! لېكىن، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە ھەمدە ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسە، ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.


بىز ئۇنى قايىل قىلالماي، بولدى قىلدۇق ۋە: - خۇدانىڭ خالىغىنىدەك بولسۇن! - دېدۇق.


ھەزرىتى ئەيسا ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە دۇئا قىلىپ: - ئى ئاتا، ئەگەر مەن بۇ ئازاب قەدىھىنى ئىچمىگۈچە بۇ قەدەھ مەندىن يىراقلاشتۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دېدى.


ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ھەرگىزمۇ قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە يامانلىقلارنى قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىش سەۋەبىدىن بولمىسۇن.


خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدىغان نادان ئادەملەرنىڭ زۇۋانىنى ياخشى ئەمەلىيىتىڭلار ئارقىلىق تۇۋاقلاشتۇر.


پاۋلۇس ئۇ يەردىن ئايرىلىش ۋاقتىدا، ئۇلارغا: - خۇدا بۇيرۇسا، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن، - دېدى، ئاندىن ئەفەستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر سىلەرنىڭ ھەر خىل سىناقلار تۈپەيلىدىن ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت تارتىپ، ھەسرەت چېكىشىڭلارغا توغرا كەلسىمۇ، شاد-خۇراملىققا چۆمۈڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite