پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 3:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 لېكىن، ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! باشقىلارنىڭ تەھدىتىدىن قورقماڭلار ۋە ئەنسىرەپ كەتمەڭلار. Gade chapit la |
مەن مۇنداق دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىسەن، مېنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويمىغايسەن ۋە ماڭا ياردەم قىلغايسەن. ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلاردىن قىساس ئالغايسەن. ئۇلارغا سەۋر-تاقەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىگە ۋاقىت بەرمىگەيسەن! ئېسىڭدە بولسۇنكى، مېنىڭ بۇنداق ئازابلارنى تارتىشىم سەن ئۈچۈندۇر.
بىز مانا مۇشۇنداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلەرنى بەختلىك ھېسابلايمىز. ئايۇپنىڭ ئۆز بېشىغا كەلگەن ھەر خىل ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتكە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئاخىردا خۇدانىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى قانداق ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلىسىلەر. خۇدا ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر.