پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 3:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 يامانلىقنى تاشلاپ، ياخشى ئىشلارنى قىلسۇن، ھەممەيلەن بىلەن ئىناق ياشاشقا تىرىشسۇن. Gade chapit la |
ياق! سىلەر دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. باشقىلارغا قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايلا پۇل قەرز بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتە مول ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر ۋە ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانلارغا ۋە يامانلارغىمۇ شەپقەت قىلىدۇ.