پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 3:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1-2 ئەي ئاياللار، سىلەرمۇ ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئەرلەر ئۆز ئايالىنىڭ بۇ پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ، خۇداغا ئېتىقاد قىلىشى مۇمكىن. سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئارتۇقچە گەپ قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ خۇداغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار ۋە پاك پەزىلىتىڭلارنى كۆرەلەيدۇ. Gade chapit la |
ئەي ئەرلەر، شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن بولغان تۇرمۇشتا ئۇلارنىڭ سىلەردىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈڭلار ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار. چۈنكى، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلاردۇر. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ.