پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 2:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى23 ئەيسا مەسىھ ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ھېچكىمگە تەھدىت سالمايتتى. ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم قىلىدىغان خۇداغا تاپشۇراتتى. Gade chapit la |
ھازىرقى بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان بۇ خۇش خەۋەرنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەنئۇشبۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى ╟ھەمدە مېنىڭ خۇداغا ئامانەت قىلغانلىرىمنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن╚ دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ..
سىلەرنىڭ بۇنداق قىيىن ئەھۋاللاردا ئېتىقادىڭلاردىن تەۋرەنمىگەنلىكىڭلار خۇدانىڭ قىيامەت كۈنىدە چىقىرىدىغان ھۆكۈمىنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، خۇدا سىلەرنىڭ قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرىدىغانلىقىڭلاردىن سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىدا ياشاشقا لايىق ھېسابلايدۇ. سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىسىلەر.