Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 2:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرى ناھەق ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە ھەمدە بۇ ئازاب-ئوقۇبەتكە سەۋر-تاقەت قىلىش خۇدانىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا سەۋر-تاقەت قىلسا، ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 2:19
18 Referans Kwoze  

ئەگەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، تېگىشلىك جازاغا تارتىلغاندا ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسە، بۇنىڭ ماختىنىدىغان ھېچ يېرى يوق! لېكىن، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە ھەمدە ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسە، ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.


لېكىن، ھازىر ئەلچى بولۇشۇم خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى. چۈنكى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۈم. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۆز كۈچ-قابىلىيىتىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن خۇدانىڭ كۈچى بىلەن ئىشلىدىم.


ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنۇش كېرەك. بۇ، پەقەت جازالىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خۇدا ئالدىدىمۇ ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈندۇر.


مېنىڭ نامىم سەۋەبىدىن ئۇلار سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى تونۇمايدۇ.


ھازىرقى بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان بۇ خۇش خەۋەرنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەنئۇشبۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى ╟ھەمدە مېنىڭ خۇداغا ئامانەت قىلغانلىرىمنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن╚ دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ..


قېرىنداشلار، سىلەرگە خۇدانىڭ ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىدە كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدا ئېيتماقچىمىز.


بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ شەپقىتىگە تايىنىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا بولۇپمۇ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىمىزغا ۋىجدانىمىز گۇۋاھتۇر. بىز مانا بۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز.


ئىشەنچلىكتۇر ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسىلا، ياردەم قىل، دۈشمەنلەر سەۋەبسىز زىيانكەشلىك قىلماقتا ماڭا.


چېچىمدىن كۆپتۇر مېنىڭ، سەۋەبسىز ماڭا ئۆچلەر. قارا چاپلار ماڭا ئۇلار، مېنى يوقاتماقچى بولغانلار _ مەندىن كۈچلۈك دۈشمەنلەر. مەن بۇلىمىغان نەرسىنى، قايتۇرۇپ بەر، دەيدۇ ئۇلار.


دۈشمەنلىرىم سەگەك ھەم كۈچلۈكتۇر، سەۋەبسىزلا ماڭا ئۆچلەر شۇنچە كۆپتۇر.


زاڭلىق قىلىپ كۈلمىسۇن ماڭا سەۋەبسىزلا رەقىب بولغانلار، كۆزلىرىنى ئالايتمىسۇن ماڭا سەۋەبسىز ئۆچ بولۇپ قالغانلار.


سىلەرنىڭ خىيالىڭلارنى، ماڭا ئۇۋال قىلىۋاتقان ھىيلە-مىكرىڭلارنى ياخشى بىلىمەن.


بارنابا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئۇ يەردىكى خەلققە بەخت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى جان-دىلى بىلەن رەببىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.


ئەگەر پاك قىلالىغان بولسا، قۇربانلىق قىلىش ئاخىرلىشاتتى-دە، ئىبادەت قىلغۇچىلارمۇ گۇناھلىرىدىن بىراقلا پاكلىنىپ، ۋىجدانى يەنە ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلانمايتتى.


ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ھەرگىزمۇ قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە يامانلىقلارنى قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىش سەۋەبىدىن بولمىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite