Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 2:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 سىلەر ئەركىن ئادەم بولۇپ، ھېچكىم سىلەرنىڭ ئۇنداق ياكى بۇنداق قىلىش-قىلماسلىقىڭلارنى مەنئى قىلالمايدۇ. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكنى يامان ئىشلارنى قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالماي، خۇدانىڭ سادىق خىزمەتكارلىرى بولۇپ ياشاڭلار،

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 2:16
15 Referans Kwoze  

قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكىڭلار گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىسۇن. ئەكسىچە، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار.


بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى بولدۇڭلار. بۇ، ھاياتىڭلارغا پايدىلىق بولۇپ، سىلەرنى پاك ياشاشقا يېتەكلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سىلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر.


خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغان كىشى قۇل بولسا، ئۇ رەببىمىز ئەيساغا مەنسۇپ بولغانلىقىدىن روھىي جەھەتتە ئازاد قىلىنغان ئەركىن ئادەمگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغان كىشى ئەركىن ئادەم بولسا، ئۇ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ.


ئەيسا مەسىھ بىزنى ئەركىنلىكتە ياشىسۇن دەپ، ئازاد قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەددىڭلارنى رۇسلاڭلار، تەۋراتتىكى قائىدە-يوسۇنلار سىلەرگە يەنە بويۇنتۇرۇق بولمىسۇن.


گۇناھ قىلىشتىن ئەركىن قىلىدىغان مۇكەممەل قانۇننى داۋاملىق ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەنگۈچى ئاڭلىغىنىنى ئۇنتۇپ قالماي، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلسا، ئۇ ھەممە ئىشلىرىدا بەختلىك قىلىنىدۇ.


سىلەر سىلەرنى گۇناھ قىلىشتىن ئەركىن قىلىدىغان قانۇن بويىچە سوراق قىلىنىسىلەر. شۇڭا، سۆز-ھەرىكىتىڭلار بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن بولسۇن.


خوجايىنىڭلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەمىشە ئۇلارغا خىزمەت قىلىڭلار. چۈنكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە چىن دىلىڭلاردىن ئەمەل قىلىشىڭلار كېرەك.


ئۇلار ئازدۇرۇلغانلارغا، «سىلەر بىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق قىلساڭلار، ھەقىقىي ئەركىن بولىسىلەر» دەپ ۋەدە قىلىدۇ. لېكىن، ئۇلار ئەمەلىيەتتە چىرىكلىكنىڭ قۇللىرىدۇر. چۈنكى، ئادەم نېمە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسا، شۇنىڭ قۇلى بولىدۇ.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، رەببىمىز ئۆز خەلقىگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان مىراسنى سىلەرگە ئىنئام قىلىدۇ. چۈنكى، سىلەر ھەقىقىي خوجايىنىڭلار رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىۋاتىسىلەر.


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تاقىدىڭلار! يا ئۆزۈڭلار كىرىشنى ئويلىمىدىڭلار، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدىڭلار.}


بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن.


سىلەرگە مەلۇمكى، بىز ھېچقاچان سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا خۇشامەت قىلغىلى ياكى نىقابلىنىپ تەمەخورلۇق قىلغىلى بارمىدۇق. بۇنىڭغا خۇدا گۇۋاھتۇر.


ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا تەلىم بەرمىگەن بولسام، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى گۇناھ دەپ قارالمايتتى. لېكىن، ھازىر ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلمىدۇق، دېيەلمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite