Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 2:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدىغان نادان ئادەملەرنىڭ زۇۋانىنى ياخشى ئەمەلىيىتىڭلار ئارقىلىق تۇۋاقلاشتۇر.

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 2:15
23 Referans Kwoze  

ئەگەر ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز خۇدانىڭ ئىرادىسى بولسا، ئۇنداقتا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز يامان ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىزدىن ئەۋزەلدۇر.


ھەمدە باشقىلار قۇسۇر تاپالمايدىغان توغرا سۆزلەر بىلەن تەلىم بەرگىن. بۇنىڭ بىلەن، بىزگە قارشى چىققۇچىلار يامان گېپىمىزنى قىلىشقا سەۋەب تاپالماي ئۇيالسۇن.


ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئالدىدا ئېسىل پەزىلەت بىلەن ياشاڭلار. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرنى يامان ئادەم دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتىڭلارنى كۆرۈپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.


بىراق، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغانلار ئىمارەتنى قۇمنىڭ ئۈستىگە قۇرغان ئەخمەقلەرگە ئوخشايدۇ.


ھەرقانداق ئەھۋالدا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى، مانا بۇلار خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان سىلەرگە قاراتقان ئىرادىسىدۇر.


خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، پاك بولۇڭلار ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىڭلار؛


پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «خەلقىم ھاماقەت، ئۇلار مېنى تونۇمايدۇ. ئۇلار ئەخمەق، ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار رەزىل ئىش قىلىشنىڭ پىرلىرىدۇر ئۇلار ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ.»


لېكىن، بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە خالىغانچە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر خۇددى ئوۋلىنىپ بوغۇزلىنىش ئۈچۈن تۇغۇلغان ياۋايى ھايۋاناتلاردەك ئەقىلسىز كېلىدۇ ھەمدە بۇ ياۋايى ھايۋاناتلارغا ئوخشاش ھالاك قىلىنىدۇ.


لېكىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا، دەپ ئۇلۇغلىمىدى ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتمىدى. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلۇققا تولدى.


نادانلىق يولىنى تاشلاڭلار، بەختلىك ياشايسىلەر شۇندا، مېڭىڭلار ئاقىللىق يولىدا».


_ سەن خۇددى نادان خوتۇنلاردەك گەپ قىلدىڭ. ئەجەبا بىز خۇدانىڭ بەختىگىلا ئېرىشىپ، بالا-قازاسىنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەكمىدى؟ _ دېدى ئايۇپ ئايالىغا. ئايۇپ شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولغان بولسىمۇ، لېكىن خۇداغا قارشى گەپ قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلمىدى.


لېكىن، بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇلار ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك، ئۆز تەبىئىتىنىڭ ئىنكاسى بويىچە ياشاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ.


بۇنىڭ بىلەن، كېيىنكى ھاياتىڭلارنى يامان ھەۋەسلەرگە بېرىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ئۆتكۈزىسىلەر.


مەن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە كۇپۇرلۇق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان رەھىمسىز بىر ئادەم بولساممۇ، ئۇ يەنىلا ماڭا رەھىم قىلدى. چۈنكى، مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم.


بۇنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ ھەققانىيلار، ئاغزى ئېتىلىپ، ئۈنسىز تۇرار پاسىقلار.


چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق.


ئەي نادان گالاتىيالىقلار! سىلەر قانداقلارچە ئېزىقتۇرۇلۇپ، باشقىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتتىڭلار؟ ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلانغانلىقى خۇددى كۆز ئالدىڭلاردا يۈز بەرگەندەك ئېنىق يەتكۈزۈلگەنغۇ!


بۇ قىزلارنىڭ بەشى ئەقىلسىز، بەشى بولسا ئەقىللىق ئىكەن.


نەپرەتلىنىسەن ئەسكىلىك قىلغۇچىلارغا، تىك تۇرالماس ھاكاۋۇرلار ئالدىڭدا.


شۇنداق قىلىپ نامراتلارغا ئۈمىد بېرىپ، رەزىللەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدۇ.


ئەي بىلىمسىز، نادانلار، مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسىلەر پەرۋەردىگارغا؟ ئۇ سىلەرنى ياراتقان ئاتاڭلارغۇ؟ سىلەرنى بىر خەلق قىلدىغۇ؟


بۇنى مۇلايىملىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ئېيتىڭلار. ۋىجدانىڭلارنى ساپ تۇتۇڭلار-دە، سىلەرگە تۆھمەت قىلغۇچىلار سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلاردىن يېتىلگەن پەزىلىتىڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite