Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 2:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئالدىدا ئېسىل پەزىلەت بىلەن ياشاڭلار. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرنى يامان ئادەم دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتىڭلارنى كۆرۈپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 2:12
46 Referans Kwoze  

بۇنى مۇلايىملىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ئېيتىڭلار. ۋىجدانىڭلارنى ساپ تۇتۇڭلار-دە، سىلەرگە تۆھمەت قىلغۇچىلار سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلاردىن يېتىلگەن پەزىلىتىڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن.


خۇددى شۇنىڭدەك، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلار ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىسۇنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارغا مەدھىيىلەر ئوقۇسۇن.


يامان ئاتاققا قالماسلىق ئۈچۈن، پەقەت رەببىمىزنىڭ نەزىرىدە ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىمۇ توغرا دەپ قارالغان ئىشلارنى قىلىشقا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز.


مانا شۇنداق قىلساڭلار، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ ياشىيالايسىلەر ۋە ئىقتىساد جەھەتتە ھېچكىمگە بېقىنمايسىلەر.


باشقىلار سېنى ياش، دەپ ساڭا سەل قارىمىسۇن. سەن سۆزلىرىڭدە، ئەمەلىيىتىڭدە مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بول.


ئاراڭلاردا كىم ئەقىل-پاراسەتلىك بولسا، ئۇ ئۆز ھاياتىدا كەمتەرلىك بىلەن قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى كۆرسەتسۇن.


نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرگە لايىق بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، مەيلى مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشەي ياكى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەردار بولاي، سىلەرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە قەتئىي تەۋرەنمەي، بۇ خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغان ئېتىقاد ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەلەيمەن.


بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ شەپقىتىگە تايىنىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا بولۇپمۇ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىمىزغا ۋىجدانىمىز گۇۋاھتۇر. بىز مانا بۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز.


ھەممە نەرسە مانا شۇنداق يوقىلىدۇ. ئۇنداقتا، سىلەر قانداق ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك؟ سىلەر پاك ياشاپ، خۇدا يولىدا ماڭىدىغان ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك.


ئەيش-ئىشرەت ۋە شارابخورلۇققا، زىنا ۋە بۇزۇقچىلىق، ئۇرۇشقاقلىق ۋە ھەسەتخورلۇققا بېرىلمەڭلار. يورۇقلۇقتىكى كىشىلەردەك پاك ھايات كەچۈرۈڭلار.


ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار، كۆپچىلىك ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىڭلار.


بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار. ۋىجدانىمىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز، ھەر جەھەتتە توغرا يولدا مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمىز.


بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى ئۆتۈنىمەن. بۇنداق بولغاندا، بىز ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز. شۇنداقلا، ھاياتىمىز خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىك ۋە ھۆرمەت بىلەن تولىدۇ.


قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار.


ئۇنداقتا، خۇددى كونا كىيىمىڭلارنى تاشلىۋەتكەندەك، بۇرۇنقى رەزىل تۇرمۇش ئادەتلىرىڭلارنى كونا تەبىئىتىڭلار بىلەن بىرگە تاشلىۋېتىڭلار. چۈنكى، ئۇ تەبىئەت سىلەرنى ئازدۇرىدىغان چاكىنا ھەۋەسلەر بىلەن چىرىپ كەتكەن.


قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا شۈكۈر ئېيتقانلار مېنى ئۇلۇغلار، شۇنداق قىلىپ نىجاتلىقىمغا ئېرىشمەك ئۈچۈن يول ھازىرلار.»


ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن.»


ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنى كۆرۈپ، خۇدانى مەدھىيىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «شۇڭا، سېنى باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا مەدھىيىلەيمەن ۋە نامىڭنى كۈيلەيمەن» دېگىنىدەك بولدى.


سىلەرنى ۋە بالىلىرىڭلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىنىمۇ جايىدا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى، خۇدا سىلەرگە شاپائەت قىلغان پۇرسەتنى پەرق ئېتەلمىدىڭلار، - دېدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، شاگىرت ئۇستازىدەك، قۇل خوجايىنىدەك بولغىنىغا قانائەت قىلسۇن. ئۇلار ئۆينىڭ بېشى بولغان مېنى «جىنلارنىڭ پادىشاھى شەيتان» دەپ ئاتىغان يەردە، ئۆينىڭ ئەزالىرى بولغان سىلەرنى تېخىمۇ زور ھاقارەت قىلمامدۇ؟


مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!


كىمگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلىسۇن، كىمگە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئىشتا خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەدھىيىلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


سىلەرنى جازالايدىغان كۈن كەلگەندە، يىراقتىن بالا-قازا كەلسە قانداق قىلارسىلەر؟ كىمنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ياردەم تىلەيسىلەر؟ يىغقان مال-مۈلۈكۈڭلارنى قەيەرگە قويارسىلەر؟


يىقىتىش ئۈچۈن بىچارە، موھتاجلارنى، رەزىللەر تارتتى ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى. قىرىش ئۈچۈن دۇرۇس يولدا ماڭغانلارنى، غىلىپىدىن سۇغاردى قىلىچىنى.


بۇرۇن ھەممىمىز ھەم شۇنداق ياشىغانىدۇق. ئۆز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ، شەخسىيەتچىلىككە تولغان ئوي-خىياللىرىمىز بويىچە ياشايتتۇق. شۇڭا، بىزمۇ خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچراشقا لايىق ئىدۇق.


سىلەرنىڭ ھېچقانداق يامان ئىش قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىمەن. بۇ، مېنىڭ ئەلچىلىك سىنىقىدىن ئۆتتى دەپ قارىلىشىم ئۈچۈن ئەمەس. ھەتتا سىناقتىن ئۆتمىدى، دەپ قارالساممۇ، مەيلى. مۇھىمى سىلەرنىڭ توغرا ئىش قىلىشىڭلاردۇر.


ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئوي-پىكىرلىرى ئاشكارىلىنىپ، بۇنىڭ بىلەن «خۇدا ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىكەن» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، يەرگە باش قويۇپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ.


ئۇلار جانابلىرىغا مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىگە ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ.


باياتىن پېترۇس خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدىنمۇ ئادەم تاللاپ، ئۆزىنىڭ خەلقى قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.


ئىنسانئوغلىغا ئەگەشكەنلىكىڭلار ئۈچۈن بەزىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، يۈز ئۆرۈسە، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، سىلەرنى يامان دېسە، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!


«پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن! چۈنكى، ئۇ شاپائەت قىلىپ، خەلقىنى قۇتقۇزدى.


بۇنى كۆرگەن كۆپچىلىك قورقۇشۇپ، ئىنسانغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇشتى.


پاۋلۇس كىرگەندىن كېيىن، يېرۇسالېمدىن كەلگەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېغىر جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى. بىراق، ھېچقايسىسىغا ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى.


ئەمما باشقا ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى دانىيالنىڭ ئىشلىرىدىن بىرەر ئەيىب، سەۋەنلىك تېپىشقا ئۇرۇندى. لېكىن دانىيال راستچىل، پاك ۋە ئەستايىدىل بولغاچقا، ئۇلار دانىيالدىن ھېچقانداق قۇسۇر تاپالمىدى.


يەھۇدا تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئەمدى ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرىپى كۆرۈنىدىغان ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى. ئۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ شان-شەرىپىمۇ ئايان بولىدۇ.


لېكىن، سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلاپ باقماقچىمىز. چۈنكى، سەن تەئەللۇق بولغان بۇ ئېقىمنىڭ ھەممە يەردە قارشىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار! - دېيىشتى.


مۇنداق ياشاش بىلەن ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغان كىشى خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ.


ئۇلار يەنە ياخشىلىقلىرى بىلەن تونۇلغان بولۇشى، يەنى بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مېھماندوست، كەمتەرلىك بىلەن ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىدە بولغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلغان ۋە ئۆزىنى ھەر خىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئاياللار بولۇشى كېرەك.


خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدىغان نادان ئادەملەرنىڭ زۇۋانىنى ياخشى ئەمەلىيىتىڭلار ئارقىلىق تۇۋاقلاشتۇر.


رۇت ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياتتى. لېكىن تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇردى، چۈنكى بوئاز ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite