Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 2:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر بۇ دۇنياغا پەقەت مۇساپىر ۋە مېھمانسىلەر. شۇڭا سىلەردىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، ئۆزۈڭلارنى سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان يامان ھەۋەسلەردىن تۇتۇۋېلىڭلار.

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 2:11
35 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق يامان ھەۋەسلەرنى كرېستكە مىخلىغان بولىدۇ.


بۇنىڭ بىلەن، كېيىنكى ھاياتىڭلارنى يامان ھەۋەسلەرگە بېرىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ئۆتكۈزىسىلەر.


ئېتىقادى بار بۇ كىشىلەر خۇدا ۋەدە قىلغانلارغا مۇيەسسەر بولماي تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتتى. بىراق، ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ئېتىقادى بىلەن يىراقنى كۆرۈپ، بۇ ۋەدىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئېشىشىنى خۇرسەنلىك بىلەن كۈتكەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ يەر يۈزىدە ياقا يۇرتلۇق ۋە مۇساپىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقانىدى.


چۈنكى، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارغا بويسۇنۇپ ياشىساڭلار، مەڭگۈلۈك ھالاك بولىسىلەر. لېكىن، مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىڭلار ئارزۇ قىلغان گۇناھتىن قول ئۈزسەڭلار، مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىسىلەر.


بىز سېنىڭ ئالدىڭدا خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش پەقەت ئۆتكۈنچى مېھمانلاردۇرمىز، بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز خۇددى كۆلەڭگىدەك ئىزسىز تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.


ئاراڭلاردىكى توقۇنۇش ۋە ماجىرالارنىڭ مەنبەسى نېمە؟ بۇ دەل قەلبىڭلارنى چىرمىۋالغان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلار ئەمەسمۇ؟


شۇڭا، ياشلىقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈڭنى تارت. پاك قەلب بىلەن رەببىمىزنى چاقىرغان باشقا كىشىلەر بىلەن بىللە ھەققانىيلىق، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناقلىقنى ئىزدە.


قەدىرلىك قېرىنداشلار، بۇ ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنىكەنمىز، تەننى ۋە روھنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىمىزنى پاك تۇتايلى. خۇدادىن ئەيمەنگەن ھالدا ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتايلى.


شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.


شۇ سەۋەبلەردىن، رەببىمىزگە خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەن سىلەردىن خۇدانىڭ چاقىرىقىغا مۇناسىپ ياشىشىڭلارنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن.


بىراق، تېنىمدە باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىن قايىل بولغان قانۇن بىلەن جەڭ قىلىپ، تەن ئەزالىرىمنى گۇناھ سادىر قىلدۇرغانلىقتىن، مېنى گۇناھقا ئەسىر قىلىدۇ.


زۆرۈر بولغان بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىچە: بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار. قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار. جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن خالىي بولساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز!»


- ھوشيار بولۇڭلار! ئۆزۈڭلارنى ئەيش-ئىشرەت ۋە تۇرمۇشنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشتۇرماڭلار. قىيامەت كۈنى سىلەرگە گويا توساتتىن بېشىڭلارغا تاشلانغان توردەك كەلمىسۇن.


مۇساپىرمەن زېمىندا، ئەمرىڭنى يوشۇرما.


ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا، كۆڭۈل قويغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا، سۈكۈت قىلىپ تۇرمىغىن كۆز ياشلىرىمغا، چۈنكى بىر مۇساپىرمەن سېنىڭ ئالدىڭدا، ئاتا-بوۋىلىرىمدەك غېرىبمەن بۇ پانىي دۇنيادا.


«يەر-زېمىنىڭلارنى مەڭگۈلۈككە ساتماڭلار، چۈنكى يەر مېنىڭدۇر. سىلەر پەقەت بىر يولۇچى، مېھمانلىرىمدۇرسىلەر.


سىلەر كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان خۇدانى «ئاتا» دېگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەتلەش بىلەن ئۆتكۈزۈڭلار.


بىز خۇدا بىلەن بىللە خىزمەت قىلغۇچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ سىلەردە بىكارغا كەتمەسلىكىنى ئۆتۈنىمىز.


شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەكىللىرى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن سىلەرنى شۇنىڭغا ئۈندەيمىزكى، خۇدا بىلەن يارىشىڭلار. بەجايىكى، بۇ خۇدانىڭ بىز ئارقىلىق سىلەرنى مۇراجىئەت قىلغىنىدۇر.


پەقەت ئۇلارغا: «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار، قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار!» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى.


ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ مەن بۇ دۇنيادا 130 يىل ياشىدىم، ھاياتىم مۇساپىرچىلىق ئىچىدە جاپا-مۇشەققەتلىك ئۆتتى. مەن تېخى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېشىغا يەتمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.


ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەنكى پېترۇستىن پونتۇس، گالاتىيا، كاپادوكىيا، ئاسىيا ۋە بىتىنىيە ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ھەمدە بۇ دۇنياغا مۇساپىر بولغان، خۇدانىڭ تاللىغان بەندىلىرىگە سالام.


يۈرسەممۇ گەر مۇساپىر بولۇپ پانىي دۇنيادا، پەرمانلىرىڭ بولدى ماڭا گۈزەل بىر ناخشا.


_ مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرمەن. ئايالىمنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ماڭا بىر پارچە يەر سېتىپ بەرسەڭلار، _ دېدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەر ئەمدى يات ۋە ياقا يۇرتلۇقلاردىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىرگە خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ئەھلىلىرىدىن، شۇنداقلا خۇدا ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بولدۇڭلار.


سىلەرگە كەلسەم، قەدىرلىك قېرىنداشلار، گەرچە يۇقىرىقى ئىشلارنى تىلغا ئالغان بولساممۇ، ئەھۋالىڭلارنىڭ بۇنىڭدىن ياخشى ئىكەنلىكىگە ۋە قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان يولدا مېڭىۋاتقانلىقىڭلارغا ھەقىقىي ئىشىنىمەن.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر قاتتىق سىناقلارغا دۇچ كەلگىنىڭلاردا، ئاجايىپ بىر ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران بولماڭلار.


قەدىرلىك قېرىنداشلار، ھازىر سىلەرگە يېزىۋاتقىنىم ئىككىنچى خېتىمدۇر. ھەر ئىككى خېتىمدە بۇ ئىشلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى توغرا پىكىر قىلىشقا يېتەكلەشكە تىرىشتىم.


ئىبراھىم فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا خېلى ئۇزۇن تۇردى.


ئەگەر ئەر-ئايال جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئەردىن مەنى كەلسە، ھەر ئىككىلىسى بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite