Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 1:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «پۈتكۈل ئىنسان گۈل-گىياھقا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ شان-شەرىپى غازاڭ بولىدىغان چېچەككە ئوخشايدۇ. گىياھلار قۇرۇپ، گۈللەر سولىشىپ ئۆلىدۇ،

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 1:24
15 Referans Kwoze  

مايسىدەك قىسقىدۇر ئىنساننىڭ ئۆمرى، دالادا ئېچىلغان گۈلدۈر ئىنساننىڭ ئۆزى.


ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار خۇددى بىر دەمدىلا پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان تۇمانغا ئوخشايدۇ.


چۆپتەك قۇرۇپ كېتەر ئۇلار شۇنچە تىزلا، مامكاپتەك توزۇپ كېتەر بىردەمدىلا.


شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرلەرنىڭ پۇقرالىرى ئاجىزدۇر، ئۇلار چۈشكۈنلىشىپ، نومۇسقا قالدى. بۇ خۇددى دالادا ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر، يېڭى ئۆسۈپ چىققان مايسىلار، ئۆگزىدە ئۆسكەن ياۋا ئوتلارنىڭ ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ قالغىنىدەك بىر ئىشتۇر.


بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغان كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ.


خۇددى ئۆگزىدە ئۈنۈپ قالغان چۆپلەردەك ئورۇلماي تۇرۇپ ئۇلار سولۇشۇپ قالسۇن.


گەرچە ئوت-چۆپ ئۆسكەندەك تېز ئۆسسىمۇ رەزىللەر، شۇنچە گۈللەپ ياشنىسىمۇ ھەمدە بارلىق پەسكەشلەر، لېكىن مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە دۇچاردۇر ئۇلار.


يۈرىكىم قۇرۇق چۆپتەك قۇرۇپ كەتتى. ئىشتىھاسىز، تامىقىم ئازلاپ كەتتى.


ئىنساننى ئېلىپ كېتىسەن كەلكۈندەك، ئۇنىڭ ئۆمرى تۈگەر گوياكى چۈشتەك، تاڭ سەھەردە ئۈنۈپ چىققان مايسىدەك.


ئۇ گۈلدەك ئېچىلىپ، توزۇپ كېتەر، خۇددى سايىدەك تېزلا غايىب بولۇپ، ئۇزاق تۇرماس.


سايىدەك يوقىلىدۇ ئىنسانلارنىڭ ئەجىرلىرى، بىھۇدىدۇر ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-تېنەشلىرى. بايلىق يىغار، لېكىن بىلمەس ئۇلار بايلىقلىرىنىڭ كىملەرگە قالىدىغانلىقىنى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن، پەقەت ۋە پەقەت مەنلا سىلەرگە تەسەللى بېرەلەيمەن. سىلەر كىمدىن قورقىسىلەر؟ ئۆلىدىغان ئادەمدىنمۇ؟ خۇددى ئوت-چۆپكە ئوخشاش سولىشىپ خازان بولىدىغان ئىنساندىنمۇ؟


ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! خۇدادىن نېمىشقا گۇمانلىنىۋاتىسىلەر؟ دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite