پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 1:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 سىلەر كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان خۇدانى «ئاتا» دېگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەتلەش بىلەن ئۆتكۈزۈڭلار. Gade chapit la |
ئۇلار ئۆز شاگىرتلىرىنى رىمدىن تەيىنلەنگەن ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: - ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى ۋە ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن ھېسابلاشمايسىز.
خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن چەككەن ئەنە شۇ قايغۇلارنىڭ سىلەردە قانداق ياخشى مېۋىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئويلاڭلار: ئەستايىدىللىق بىلەن خاتالىقىڭلارنى تۈزىتىپ، ئۆزۈڭلارنى ئاقلىدىڭلار، ئاراڭلاردىكى گۇناھكارنىڭ قىلمىشىدىن غەزەپلەندىڭلار ھەمدە بۇ قىلمىشنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن خۇدانىڭ جازاسىنىڭ سىلەرگە كېلىشىدىن قورقتۇڭلار، مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولدۇڭلار، مېنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقۇمنى ھۆرمەتلەپ، ماڭا قىزغىن بولدۇڭلار، گۇناھكارنى جازالاش ئارقىلىق ئادالەتپەرۋەرلىكىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار. مانا بۇلار ئارقىلىق سىلەرنىڭ بۇ ئىشتا توغرا قىلغانلىقىڭلار ئېنىق بولدى.