Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 5:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: ‹مەن سېنىڭ تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىدىغان ئوغلۇڭ ماڭا ئاتاپ ئىبادەتخانا سالىدۇ› دېگەنىكەن. شۇڭا مەن ئەمدى پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىش قارارىغا كەلدىم.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 5:5
15 Referans Kwoze  

ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سالىدۇ. ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن. مەن ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن» دېدى.


ماڭا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى ئۇ سالىدۇ. مەن ئۇنىڭ تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن.


پەرۋەردىگار ماڭا: «ئوغلۇڭ سۇلايمان ئىبادەتخانامنى سالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھويلىلىرىنى ياسايدۇ. مەن ئۇنى ئۆزۈمگە ئوغۇل قىلىپ تاللىدىم، مەن ئۇنىڭ ئاتىسى بولىمەن.


سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن، پەرۋەردىگار مۇقەددەس جاي بولغان ئىبادەتخانىنى سېلىشقا سېنى تاللىغان ئىكەن، دادىللىق بىلەن ئىشلىگىن!


لېكىن نامىمغا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى سەن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغلۇڭ سالىدۇ» دېگەنىدى.


مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمنى ئىجرا قىلساڭلار، ئۇ زېمىندا خاتىرجەم ياشايسىلەر.


يېرىڭلار ھوسۇل بېرىدۇ، سىلەر قانائەتلەنگۈدەك يېمەكلىككە ئىگە بولىسىلەر ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىسىلەر.


ئىسرائىللار بىخەتەر بولىدۇ، ياقۇپ ئەۋلادلىرى خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. زېمىنى ئاشلىق ۋە شارابقا مول بولىدۇ، ئاسماندىن چۈشكەن شەبنەم ئۇنى سۇغىرىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىللار شىمالدىكى داندىن تارتىپ، جەنۇبتىكى بەئەرشەبا ۋە شەرقتىكى گىلئادقىچە بولغان زېمىنلاردىن كېلىپ، مىزپاھ شەھىرىدە توپلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر گەۋدە بولدى.


خىزكىيانىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار! مەن ئاسسۇر پادىشاھى سىلەرنى مەن بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە، ماڭا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئۆز بېغىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ۋە ئەنجۈرلىرىنى يەپ، ئۆز قۇدۇقۇڭلارنىڭ سۈيىنى ئىچەلەيسىلەر.


ھەركىم ئۆزىنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرى ئاستىدا خاتىرجەم ئولتۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ. چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزى شۇنداق دەپ ئېيتتى.


ئاشۇ كۈنى ھەربىرىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارنى چاقىرىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر دەرىخىڭلارنىڭ ئاستىدا خاتىرجەم ئولتۇرىسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite