12 پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە سۇلايمانغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. ھىرام بىلەن سۇلايمان ئۆزئارا كېلىشىم تۈزۈپ، تىنچلىقنى داۋاملاشتۇردى.
شۇڭا مەن تىلىكىڭ بويىچە ساڭا بۇرۇن ھېچكىمدە بولۇپ باقمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمدە بولمايدىغان ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تىر خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار يېزىلاردىكى پۈتۈن كىشىلەرنى ئىدومغا قۇللۇققا سېتىپ، ئۆزلىرى تۈزگەن ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىسىنى بۇزدى.
ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.
مەن ساڭا ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەندىن سىرت، يەنە بۇرۇنقى پادىشاھلاردىمۇ بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پادىشاھلاردىمۇ بولمايدىغان بايلىق، مال-دۇنيا ۋە شان-شەرەپ ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.
«ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇرۇن ئىتتىپاق تۈزگىنىدەك، بىزمۇ ئىتتىپاق تۈزەيلى. سىلىگە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سوۋغا قىلىپ ئەۋەتتىم. ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا بىلەن تۈزگەن ئىتتىپاقلىرىنى بىكار قىلغايلا. شۇندىلا ئۇ زېمىنىمدىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرىدۇ.»
خۇدا سۇلايمانغا ئەقىل-پاراسەت، چوڭقۇر ئىدراك ۋە چەكسىز ھېكمەت ئاتا قىلغانىدى.
ئۇلار بەئەرشەبادا كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، ئابىمەلەك بىلەن فىكول ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى.
پادىشاھ سۇلايمان ئىسرائىل خەلقى ئىچىدىن ھاشارغا ئادەم يىغدى. ئۇلارنىڭ سانى 30 مىڭ ئادەم ئىدى.
ئۆينى سالمىسا ئۆزى پەرۋەردىگار، ئۆي سالغۇچىلارنىڭ ئەجرى بىكار كېتەر. ناۋادا شەھەرنى قوغدىمىسا پەرۋەردىگار، بىھۇدىدۇر ئويغاق تۇرسىمۇ قاراۋۇللار.
داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى، ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى:
ھېكمەت ئىگىسى دانا بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىلىملىرىنى خەلققە ئۆگەتكۈچىدۇر. ئۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پەند-نەسىھەتلەرنى يېزىپ چىققان.
بۇ نەزمە سۇلايمانغا مەنسۇپتۇر، نەزمىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل نەزمىدۇر.