6 ئاخىشار ئوردا غوجىدارى ئىدى. ئابدانىڭ ئوغلى ئادورام، ئۇ ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى.
پادىشاھ رىخوبئام ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورامنى ئىسرائىللارنىڭ شىمالدىكى قەبىلىلىرىگە ئەۋەتتى، ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. پادىشاھ رىخوبئام ئالدىراپ-تېنەپ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قېچىپ كېلىۋالدى.
تۆۋەندىكىلەر پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇش، يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭداش، سېپىل ھەمدە خازور، مىگىددو ۋە گەزەر شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھاشارغا ئادەم ئالغانلىقىنىڭ خاتىرىسىدۇر:
ھاشارچىلارنى باشقۇرغۇچى ئادورام، تەزكىرىچى ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات،
ناتاننىڭ ئوغلى ئازاريا، ئۇ يەرلىك ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىدىغان ۋەزىر ئىدى. يەنە بىر ئوغلى زابۇد روھانىي ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى.
سۇلايماننىڭ پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە ئوردىنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل 12 ئەمەلدارى بار ئىدى. ھەربىر ئەمەلدار ھەر يىلدا بىر ئايدىن يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيتتى.
ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىگەندە، ئۇلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتەلمىگەنىدى. سۇلايمان قۇرۇلۇشلارنى باشلىغاندا، ئۇلارنى ھاشارغا تۇتقان بولۇپ، ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى ھاشارچى بولۇپ كەلمەكتە.