Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 3:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 بىر كۈنى پادىشاھ سۇلايمان گىبئون شەھىرىگە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن باردى. ئۇ يەردىكى سەجدىگاھ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان سەجدىگاھلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ئىدى. سۇلايمان ئىلگىرى ئۇ يەردىكى قۇربانلىق سۇپىسىدا مىڭلىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلغانىدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 3:4
18 Referans Kwoze  

پادىشاھ سۇلايمان 22 مىڭ كالا، 120 مىڭ قوي قۇربانلىق قىلدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق ئىبادەتخانىنى خۇداغا بېغىشلىدى.


ئۇلار بىلەن بىرلىكتە گىبئوندىكى سەجدىگاھقا باردى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا چۆلدە ياساتقان ئۇچرىشىش چېدىرى بار ئىدى.


داۋۇت يەنە روھانىي زادوق بىلەن ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرىنى گىبئوندىكى مۇقەددەس جايغا تىكىلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلىدى.


بۇ ۋاقىتتا مۇسا چۆلدە ياساتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى گىبئوندىكى سەجدىگاھتا ئىدى.


لىۋاننىڭ ئورمانلىقىدىكى بارلىق دەرەخلەرمۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوتۇن قىلىشقا يەتمەيدۇ. لىۋاننىڭ ئورمانلىقىدىكى بارلىق ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشقا يەتمەيدۇ.


گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان خىۋلارمۇ يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ،


يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا كۆپچىلىككە مىڭ تۇياق بۇقا، يەتتە مىڭ تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلدى. ئەمەلدارلارمۇ مىڭ تۇياق بۇقا، ئون مىڭ تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلىشتى. نۇرغۇنلىغان روھانىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى.


پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ 22 مىڭ كالا، 120 مىڭ قوي ئامانلىق قۇربانلىقى قىلدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىللار ئىبادەتخانىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى.


پادىشاھ ئادونى-زىدىك بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قورقتى. چۈنكى گىبئون شەھىرى ئاي شەھىرىدىنمۇ چوڭ بولۇپ، پادىشاھى بار بىرنەچچە شەھەرگە تەڭ كېلەتتى. ئادەملىرىمۇ باتۇر ئىدى.


ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار خۇددى گىبئوندا زاھىر بولغاندەك يەنە زاھىر بولدى.


بىنيامىن قەبىلىسىگە بېرىلگەن شەھەرلەر: ئېرىخا، بەيت-خوگلا، ئېمەق-قىزىز،


سائۇل: _ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى. ئاندىن ئۆزى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.


يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، يەنى ئۇنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزگىنىگە تۆت يىل بەش ئاي بولغان ۋاقىتتا، ئاززۇرنىڭ ئوغلى، يەنى گىبئونلۇق پەيغەمبەر خانانيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا يەرەمىياغا سۆز قىلدى. ئۇ روھانىيلار ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:


سۇلايمان پۈتۈن ئىسرائىللارنى، جۈملىدىن مىڭبېشى، يۈزبېشى، سوتچى، يېتەكچى ۋە قەبىلە باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite