2 ئۇ چاغلاردا پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنىدىغان ئىبادەتخانا تېخى سېلىنمىغان بولغاچقا، خەلق يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلارغا بېرىپ، قۇربانلىق قىلىپ يۈرەتتى.
يىھوشافات پۈتۈنلەي ئاتىسى ئاسا ماڭغان يولدا مېڭىپ، ھېچ ياققا ئېغىشماي، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. بىراق سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.
شۇنداق بولسىمۇ، خەلق يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. لېكىن ئۇلار قۇربانلىقلىرىنى پەقەت ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغىلا ئاتايتتى.
مەن سىلەرنىڭ غەيرىي سەجدىگاھلىرىڭلارنى، ئىسرىقدانلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، جەسىتىڭلارنى جانسىز بۇتلارنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويىمەن. مەن سىلەردىن سەسكىنىمەن.
«ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، ئاتام داۋۇت ئەتراپىدىكى دۈشمەنلەر بىلەن بولغان جەڭلەر تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نام-شەرىپىگە ئاتاپ ئىبادەتخانا سالدۇرالمىغانىدى. ئاتام پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنى تاپىنى ئاستىغا چۈشۈرۈشىنى ساقلىغانىدى.
سىلەر خالىغان يەردە پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماڭلار.
_ ھەئە، شۇنداق. ئۇ ھېلىلا ئالدىڭلاردا كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى قىزلار، _ تېزرەك مېڭىڭلار. ئۇ شەھەرگە بۈگۈنلا كەلدى. خەلق سەجدىگاھتا قۇربانلىق قىلماقچى.
ئېگىزلىكتە قۇرۇپ ئىبادەتگاھلار، ياساپ ئۇنىڭغا ھەرخىل بۇتلار، كەلتۈردى ئۇلار خۇدانىڭ ئاچچىقىنى، ئۆرتىدى خۇدانىڭ يۈرىكىنى.
ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەربىر ئېگىزلىكتە ۋە ھەربىر بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىدا بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەر ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ئاتاپ سەجدىگاھلارنى ياساپ چىقتى.
گەرچە ئاسا غەيرىي سەجدىگاھلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆمۈر بويى جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ ياشىدى.
يىھوشافات ئىسرائىلىيە پادىشاھى بىلەن تىنچ ئۆتتى.
بۇرۇن يوئاش روھانىيلارغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنىدىغان پۇللارنى، يەنى مەيلى ئادەملەرنى رويخەتكە ئېلىش ھەققى بولسۇن، مەيلى ئادەم ئورنىغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى ياكى خالىس قىلىنىدىغان ھەدىيە بولسۇن، ھەممىسىنى يىغىپ كېلىڭلار.
گەرچە ئاسا غەيرىي سەجدىگاھلارنى ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆمۈر بويى جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ ياشىدى.