Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 3:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 بىر كۈنى ئىككى پاھىشە ئايال پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئالدىغا داد ئېيتىپ كەلدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 3:16
10 Referans Kwoze  

ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا ماجىرا پەيدا بولسا، مېنى ئىزدەيدۇ. كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەقلىقىنى ئايرىپ، خۇدانىڭ قانۇنى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


گىلئادلىق يىفتاھ بىر باتۇر جەڭچى ئىدى. ئۇ گىلئادنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئانىسى پاھىشە ئىدى.


نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۆز خەلقىنىڭ شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن ئىككى چارلىغۇچىنى كەنئان زېمىنىغا يوشۇرۇن ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ سىلەر بېرىپ كەنئان زېمىنىنى، بولۇپمۇ ئېرىخا شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ، راھاب ئىسىملىك بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، شۇ يەردە تۈنەپ قالدى.


ئىسرائىللاردىن بولغان ئەر ۋە ئاياللار بۇتخانىدا پاھىشىۋازلىق قىلمىسۇن.


ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مۇسا، روھانىي ئەلئازار، ئاقساقاللار ۋە بارلىق جامائەتكە مۇنداق دېدى:


قىزىڭلارنى پاھىشەلىككە سېلىپ، ئۇنى خورلىماڭلار، بولمىسا زېمىنىڭلار بۇزۇقچىلىققا ۋە رەزىللىككە تولۇپ كېتىدۇ.


ئەتىسى مۇسا ئەتىگەندىن كەچكىچە خەلق ئىچىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدى.


سۇلايمان ئويغىنىپ، بۇنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمغا قايتىپ، ئىگىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىپ، بارلىق ئەمەلدارلىرىغا زىياپەت بەردى.


ئۇلارنىڭ بىرى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن بۇ ئايال بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىمەن. مەن بالا تۇغقان ۋاقتىمدا، ئۇ ئايالمۇ يېنىمدا بار ئىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىدۇر ئۇنىڭ كارامەتلىرىنىڭ سىرلىقلىقى، پادىشاھلارنىڭ شۆھرىتىدۇر ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتىپ يېشىشى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite