پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 3:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 شۇڭا مەن تىلىكىڭ بويىچە ساڭا بۇرۇن ھېچكىمدە بولۇپ باقمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمدە بولمايدىغان ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن. Gade chapit la |
مېنىڭ ئادەملىرىم بۇ ياغاچلارنى لىۋاندىن ئېلىپ چىقىپ، باغلاپ سال قىلىپ، سىلى كۆرسەتكەن يەرگە ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق ئېلىپ بارسۇن. ئادەملىرىم شۇ يەردقىلىپە ياغاچلارنى يەشسۇن. شۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئۇلارنى توشۇپ ئەكېتىڭلار. لېكىن مېنىڭمۇ بىر تەلىپىم بار. سىلى ئوردامنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپ بەرگەيلا.»
مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: _ ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى سۇلايمانمۇ يات خەلقلەردىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىپ، مۇشۇنداق گۇناھ ئۆتكۈزمىدىمۇ؟! ھەرقانداق ئەللەر ئارىسىدا سۇلايمانغا ئوخشاش بىر پادىشاھ بولمىغانىدىغۇ؟! خۇدا ئۇنىڭغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگەنىدى. لېكىن ئۇنىڭ يات خەلقلەردىن بولغان ئاياللىرى ئۇنى گۇناھقا يېتەكلىدى.