11 خۇدا ئۇنىڭغا: _ سەن ئۆزۈڭگە ئۇزۇن ئۆمۈر، بايلىق ياكى دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماي، بەلكى ھەق-ناھەقنى پەرق قىلغۇدەك ئەقىل-پاراسەت تەلەپ قىلدىڭ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇقەددەس روھ بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى بىلىپ، بىزگە ياردەم قىلىدۇ. بىز قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن، مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزى سۆز بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئاھ ئۇرۇش ئارقىلىق بىز ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.
شۇڭا سەن قۇلۇڭغا خەلقىڭنى باشقۇرغۇدەك، ياخشى-ياماننى پەرق قىلغۇدەك ئەقىل-پاراسەت بەرگىن، بولمىسا كىممۇ بۇ ئۇلۇغ خەلقىڭگە ھۆكۈمرانلىق قىلالىسۇن؟ _ دېدى.
ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ ھۆرمەت تاجىدۇر.
سورايدۇ نۇرغۇن كىشىلەر: ياخشىلىق قىلار كىم بىزگە؟ ئېھ پەرۋەردىگار، چۈشۈرگىن جامالىڭنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە.
سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسەت تىلىشى ئىگىمىزنى خۇرسەن قىلدى.
پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ بۇ ئەرزنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئاشتى. چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۇلايمانغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئەقىل-پاراسەت بەرگەنلىكىنى بىلدى.
خۇدا سۇلايمانغا: _ سەن مەندىن ئۆزۈڭ ئۈچۈن بايلىق، مال-دۇنيا، شان-شەرەپ، ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماي، پەقەت خەلقىمنى، يەنى سېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭغا تاپشۇرغان خەلقنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل ۋە بىلىم تەلەپ قىلغانىكەنسەن،
سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىش قىلىشنى ئىزدەۋاتامسەن؟ ئىزدىمىگىن. چۈنكى مەن بارلىق ئىنسانغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. لېكىن سەن نەگىلا بارغىن، مەن سېنى ھايات قالدۇرىمەن. مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»