Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 3:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 سۇلايمان مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. سۇلايمان پىرئەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇت شەھىرى»گە ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوردىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە يېرۇسالېم سېپىلىنى سالدۇرۇپ بولغۇچە پىرئەۋننىڭ قىزى شۇ يەردە تۇردى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 3:1
17 Referans Kwoze  

پىرئەۋننىڭ قىزى «داۋۇت شەھىرى»دىن سۇلايمان ئۆزى ئۈچۈن سالدۇرغان سارايغا كۆچۈپ كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ سۇلايمان يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭدىدى.


پادىشاھ سۇلايمان پىرئەۋننىڭ قىزىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يات ئەللەرنىڭ قىزلىرىغا، يەنى موئابلىق، ئاممونلۇق، ئىدوملۇق، سىدونلۇق ۋە خىتلىق قىزلارغا ئاشىق بولدى.


سۇلايمان ئايالى بولغان پىرئەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن ئۇنىڭ ئۈچۈن سالدۇرغان سارايغا كۆچۈرۈپ كەلدى. چۈنكى سۇلايمان: «‹داۋۇت شەھىرى› پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ساقلىنىدىغان مۇقەددەس جايدۇر، شۇڭا ئايالىم ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغان داۋۇتنىڭ ئوردىسىدا تۇرسا بولمايدۇ» دەپ قارىغانىدى.


سۇلايمان ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمران بولغان 4-يىلى 2-ئايدا، يەنى زىۋ ئېيىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ئىسرائىل خەلقى مىسىردىن چىققىنىغا 480 يىل بولغانىدى.


(كېيىن داۋۇت يېرۇسالېمدىكى سىئون قەلئەسىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى ۋە بۇ قەلئەگە «داۋۇت شەھىرى» دەپ نام بەردى.)


ئۇلار جاۋابەن: ‹بىز پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانىڭ بەندىلىرىمىز. بىز ھازىر قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقان ئىبادەتخانىنى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بىر كۈچلۈك پادىشاھى قۇرۇپ چىققانىدى.


يىھوشافات بايلىق ۋە شۆھرەتتە چېكىگە يەتتى. ئۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن قۇدىلاشتى.


شۇنداق قىلىپ، داۋۇت سىئون قەلئەسىنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قەلئە «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتالدى.


بىز ئەمدى قانداقمۇ سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلىپ، يىرگىنچلىك ئىش قىلغان بۇ كىشىلەر بىلەن نىكاھلىنايلى؟ ئەگەر شۇنداق قىلساق، سەن غەزىپلىنىپ، بىرىمىزنىمۇ قويماي ھالاك قىلمامسەن؟


داۋۇت ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى.


ۋاھالەنكى، پادىشاھ سۇلايمان ئۆز ئوردىسىنى سالدۇرۇشقا 13 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى.


سۇلايماننىڭ ئۆزى تۇرىدىغان ئوردىسى «ھۆكۈم سارىيى» ئارقىسىدىكى بىر ھويلىدا بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ «ھۆكۈم سارىيى»غا ئوخشايتتى. ئۇ ئۆز ئەمرىگە ئالغان پىرئەۋننىڭ قىزى ئۈچۈنمۇ ئاشۇ سارايلارغا ئوخشايدىغان بىر ساراي سالدۇردى.


پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇشقا 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى.


بۇ ئىككى ئەلنىڭ بالىلىرىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئۈچىنچى ئەۋلادى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرسە بولىدۇ.


پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى، ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى ۋە ئۆزى سېلىشنى ئارمان قىلىپ كەلگەن ھەممە قۇرۇلۇشلارنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite