Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 22:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 لېكىن سىلى بۇنى ئالدى بىلەن پەرۋەردىگاردىن سورىسىلا! _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 22:5
22 Referans Kwoze  

_ پەرۋەردىگاردىن سوراپ باقسىلا، بابىلنىڭ پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. بەلكىم پەرۋەردىگار بۇرۇنقىغا ئوخشاش مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ، دۈشمەنلەرنى چېكىندۈرەلەمدىكىن؟ _ دەپ ئىلتىجا قىلدى.


لېكىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات: _ بۇ يەردە بېشارەت سورىغۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ بىرەر پەيغەمبىرى يوقمۇ؟ _ دېدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ بىر خىزمەتكارى جاۋاب بېرىپ: _ شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشا مۇشۇ يەردە. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ خىزمەتكارى ئىدى، _ دېدى.


بىر ئىشقا يولۇقسا، روھانىي ئەلئازارنىڭ يېنىغا بارسۇن. ئۇ يوشۇۋاغا ۋاكالىتەن «ئۇرىم» ئارقىلىق مېنىڭ ئىرادەمنى سورايدۇ. ھەرقانداق ئىشتا يوشۇۋا ۋە پۈتۈن جامائەت مېنىڭ كۆرسەتمەم بويىچە ئىش قىلسۇن.


_ ئەي ئادەم بالىسى، بۇ ئادەملەر قەلبلىرىدە بۇتقا تېۋىنىدىكەن، بۇ ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان تاشتۇر. شۇنداق ئىكەن، مەن قانداقمۇ ئۇلارنىڭ مەندىن مەسلىھەت سورىشىغا يول قوياي؟


سائۇل پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ھالاك بولدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلمىدى. ھەتتا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ بېقىشنى خالىمىدى، ئەكسىچە ئەرۋاھ چاقىرىدىغان باخشى ئايالدىن مەسلىھەت سورىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىقىنى يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتقا بەردى.


شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھنىڭ سامارىيەدىن كېلىدىغان ئەلچىلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلانغىن. سەن ئۇلارغا: «ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن پادىشاھنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىنى سوراشقا كېتىۋاتامسىلەر؟ سىلەرچە ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوقمۇ؟


داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بۇ قاراقچىلارنى قوغلاپ بارسام بولارمۇ، ئۇلارنى تۇتالارمەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: _ قوغلا، چوقۇم تۇتالايسەن ھەم ئەسىرلەرنى قۇتقۇزالايسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


داۋۇت يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن قىيلاھقا بارغىن، فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


شۇ سەۋەبتىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بېرىپ، ئۇ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشايمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، قىيلاھنى قۇتقۇزغىن، _ دېدى.


ئاندىن سائۇل روھانىي ئاخىياغا بۇيرۇپ: _ باش روھانىينىڭ پەرتۇقىدىكى «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى ئېلىپ كېلىڭ، _ دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ئاخىيا ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا باش روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ ماڭاتتى.


شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار گىبئاھنىڭ ئەتراپىغا بۆكتۈرمە قويدى.


ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا كەچ كىرگۈچە نالە-زار قىلىپ، ئۇنىڭدىن: _ بىز يەنە قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سوراشقانىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: _ بېرىڭلار، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، _ دېدى.


ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە بېرىپ پەرۋەردىگاردىن: _ بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىزدىن قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: _ يەھۇدا قەبىلىسى ئاۋۋال چىقسۇن، _ دېدى.


يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: _ كەنئان زېمىنىدىكى خەلقلەر بىلەن جەڭ قىلغىلى بىزدىن قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى.


ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى قولىغا ئېلىپ كۆردى، ئەمما پەرۋەردىگاردىن بۇ توغرۇلۇق ھېچنېمە سورىمىدى.


ئۇنىڭدىن كېيىن ئاخاب يىھوشافاتتىن: _ سىلى گىلئادتىكى راموتنى ئالغىلى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مەن بىلەن بىللە باراملا؟ _ دەپ سورىدى. يىھوشافات: _ مەن سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى، ئاتلىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرى دەپ بىلگەيلا.


شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۆزى پەيغەمبەر دەپ قارىغان تەخمىنەن 400 ئادەمنى يىغىپ، ئۇلاردىن: _ مەن راموتقا ھۇجۇم قىلسام بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلغايلا! ئىگىمىز راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite