Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 21:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئايالى ئۇنىڭغا: _ سىلى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھمۇ، ئەمەسمۇ؟ مەيۈسلەنمەي، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، تاماق يېسىلە. نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئۆزلىرىگە مانا مەن ئېلىپ بېرىمەن! _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 21:7
14 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ قوللىرى رەزىللىك قىلىشقا ئۇستىدۇر. ئەمەلدار ۋە سوتچىلار پارىخوردۇر. ھوقۇقدارلار خالىغىنىنى قىلىدۇ، ھەممىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز بۇرۇن يالىشىدۇ.


پادىشاھنىڭ سۆزى قانۇندۇر. كىممۇ ئۇنىڭدىن: «نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟» دەپ سورىيالايدۇ؟


مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆردۈم. لېكىن ھېچكىم ئۇلارغا تەسەللى بېرەلمەيدىكەن، ئەزگۈچىلەر قۇدرەتلىك بولغاچقا ھېچكىم ئېزىلگۈچىلەرگە تەسەللى بېرەلمەيدىكەن.


خوراز ۋە سەركە؛ گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ غادىيىپ ماڭىدىغان، پادىشاھ؛ قوشۇنىنى باشلاپ ماڭىدىغان.


ئۇ ئامنوندىن: _ شاھزادەم، نېمىشقا كۈندىن-كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتىسىز؟ سەۋەبىنى ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ: _ مەن ئانا باشقا ئىنىم ئابسالومنىڭ سىڭلىسى تامارغا كۆيۈپ قالدىم، _ دېدى.


ئۇ سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئېتىز-ئېرىقلىرىڭلارنى، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى ۋە زەيتۇنزارلىقىڭلارنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوردا ئەمەلدارلىرىغا بېرىدۇ.


شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللارنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى جەم بولۇپ، سامۇئىل بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن راماھقا كېلىشتى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى ئولتۇرۇپ غىزالاندى. قېيىنئاتىسى كۈيۈئوغلىغا يەنە: _ بۈگۈنمۇ تۇرۇپ قېلىپ، مۇشۇ يەردە كۆڭلۈڭلارنى خۇش قىلىڭلار، _ دېدى.


بوئاز يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، كۆڭلى ئازادە بولۇپ راھەتلەندى ۋە خامان دۆۋىسىنىڭ كەينىدە يېتىپ، ئۇيقۇغا كەتتى. رۇت شەپە چىقارماي، بوئازنىڭ يوتقىنىنىڭ ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە ياتتى.


ئاخاب ئايالىغا: _ چۈنكى مەن يىزرىئەللىك نابوتقا: «ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا سېتىپ بەرگىن، ياكى خالىساڭ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئۈزۈمزارلىق بېرەي» دېگەنىدىم، ئۇ ماڭا «مەن ساڭا ئۈزۈمزارلىقىمنى بەرمەيمەن» دەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.


ئات قىيا تاشلار ئۈستىدە چاپالامدۇ؟ ئۆكۈز دېڭىزنى يەردەك ئاغدۇرالامدۇ؟ لېكىن سىلەر شۇنداق قىلىپ، ئادالەتنى زەھەرگە ئايلاندۇردۇڭلار، ھەققانىيەتنىڭ شېرىن مېۋىلىرىنى قىرتاق قىلدىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite