پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 21:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى: نابوت ئىسىملىك يىزرىئەللىك بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئۈزۈمزارلىقى بار ئىدى. بۇ ئۈزۈمزارلىق سامارىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ يىزرىئەل شەھىرىدىكى ئوردىسىنىڭ يېنىدا ئىدى. Gade chapit la |
ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ سەمىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن بۇ كىشىلەرنى جازالىغان بولساڭمۇ، ئۇلار سۆزلىرىڭگە ئېتىبار قىلمىدى. ھەتتا سەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چاغدىمۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمىدى. ئۇلار قەلبلىرىنى خۇددى تاشتەك قاتتىق قىلدى. ئۇلار توۋا قىلىشنى خالىمىدى.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يورام: _ ھارۋا تەييارلاڭلار، _ دېدى. ئۇلار پادىشاھقا ھارۋا تەييارلاپ بېرىشتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا يېھۇ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەپ، شەھەردىن چىقىشتى. ئۇلار يېھۇ بىلەن يىزرىئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىدا ئۇچراشتى.