9 لېكىن سەن ئۇنى گۇناھسىز دەپ قارىمىغىن. سەن بىر ئەقىل ئىگىسى، ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىسەن. ئۇ ئاق باش قېرى ئۆلۈكلەر ماكانىغا قانغا بويالغان ھالدا يول ئالسۇن.
ئۇنى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن. ئۇنىڭ قېرى كاللىسىنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئۆلۈكلەر ماكانىغا يول ئېلىشىغا ئىجازەت بەرمىگىن.
ئاتىمىز بىلەن كۆرۈشكىنىمىزدە ئىنىمىز يېنىمىزدا بولمىسا، ئۇ قېرىغىنىدا ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە بىز سەۋەبچى بولغان بولىمىز.
لېكىن ياقۇپ ئۇلارغا: _ بۇ ئوغلۇم سىلەر بىلەن بارمىسۇن! ئۇنىڭ بىر قورساقتىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، يالغۇز قالدى. مۇبادا ئۇ يولدا بىرەر پىشكەللىككە يولۇقۇپ قالسا، مەن قېرىغىنىمدا ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كېتىمەن، _ دېدى.
لېكىن مەن يەنىلا ئاغرىق ئازابىدىن قورقىمەن. چۈنكى سېنىڭ مېنى گۇناھسىز دېمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن.
پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ بۇ ئەرزنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئاشتى. چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۇلايمانغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئەقىل-پاراسەت بەرگەنلىكىنى بىلدى.
شۇڭا مەن تىلىكىڭ بويىچە ساڭا بۇرۇن ھېچكىمدە بولۇپ باقمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمدە بولمايدىغان ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.
ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرمىساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، ئۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايسىلەر.
كۇپۇرلۇق قىلماڭلار، خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىنى قارغىماڭلار.
نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالماڭلار. كىمدەكىم نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇنى چوقۇم جازالايمەن.
پادىشاھ داۋۇت باخۇرىم شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. سائۇل جەمەتىدىن بىر ئادەم ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ گېرانىڭ ئوغلى بولۇپ، ئىسمى شىمئى ئىدى. ئۇ كېلىۋېتىپ داۋۇتنى قارغىدى.
مەن ئادەمنى ئۆزۈمگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى باشقا بىر ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكسە، ئۇنىڭ قېنىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ.
چۈنكى ئۇلار پەقەت شۇ چاپان بىلەنلا ئىسسىنىشىدۇ. بۇ چاپان بولمىسا، ئۇلار نېمىنى يېپىنچا قىلىپ ئۇخلىسۇن؟ ناۋادا ئۇلار ماڭا نالە قىلىپ ياردەم تىلىسە، ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلايمەن، چۈنكى مەن رەھىمدىلدۇرمەن.
مەن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان پادىشاھ بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاجىزمەن. زىرۇيانىڭ بۇ ئىككى ئوغلى، يەنى يوئاب بىلەن ئابىشاي زوراۋانلاردۇر، مەن ئۇلارنى باشقۇرالمايمەن. پەرۋەردىگار يامانلارنىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بەرگەي، _ دېدى.