Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 2:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 شۇندىلا پەرۋەردىگار: «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ مېنىڭ يولۇمدىن ئاداشماي، ماڭا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سادىق بولسا، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 2:4
40 Referans Kwoze  

«ئى پەرۋەردىگار، ساڭا چىن دىلىم بىلەن سادىق خىزمەت قىلغانلىقىمنى بىلىسەن. مەن دائىم سېنىڭ نەزىرىڭدە ياخشى بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم.» ئۇ شۇنداق دەپلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.


ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن خىزمەتكارىڭ بولغان ئاتام داۋۇتقا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە دىققەت قىلىپ، خۇددى ساڭا ئوخشاش ئالدىمدا توغرا يولدا يۈرسە، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇشقا ئەۋلادىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دەپ ئېيتقانىدىڭ. ئەمدى ئاتامغا قىلغان بۇ ۋەدەڭدە چىڭ تۇرغايسەن


ئى پەرۋەردىگار خۇدا، مەن قۇلۇڭ ۋە قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭدە مەڭگۈ تۇرغايسەن، ۋەدىلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - «پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن.»


ئۇلار ئىككىلىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس كىشىلەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پۈتۈن ئەمر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى.


پەرۋەردىگار بارلىق ئەللەرنى يىغىپ، يېرۇسالېمغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندۇرىدۇ. شەھەر قولدىن كېتىپ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، قىز-ئاياللار دەپسەندە قىلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى سۈرگۈن قىلىنىپ، يېرىمى قالدۇرۇلىدۇ.


زېمىنغا ئىگە بولار پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشكەنلەر، زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلار ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچۇرغانلار.


زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ رەزىللىك قىلغۇچىلار، ئەمما زېمىنغا ئىگە بولىدۇ ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولدى، چۈنكى ئۇ بائالغا چوقۇنماي، ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىدا ماڭدى.


ئەي ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تونۇغىن، ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭ ۋە جان-دىلىڭ بىلەن قىلغىن. چۈنكى ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ كۆڭلى ۋە نىيىتىنى بىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭ، ئۇ ساڭا نامايان بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭ، ئۇ سېنى مەڭگۈ تاشلايدۇ.


يوشىيا چىن قەلبى، پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا رىئايە قىلىپ، پەرۋەردىگارغا يۈزلەندى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچقانداق بىر پادىشاھ ئۇنىڭدەك قىلىپ باقمىغان ئىدى ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدەك بىرەر پادىشاھ چىقمىدى.


پادىشاھ تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەھدىنى قايتىدىن مۇقىملىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا، قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، بۇ يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. پۈتۈن خەلقمۇ ئەگىشىپ، ۋەدە بېرىشتى.


ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگىنىمدەك، سېنىڭ ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان تەختىڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلىمەن.


مۇنداق دۇئا قىلدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئاسمان ۋە زېمىندا ساڭا تەڭداش بولالايدىغان باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. سېنىڭ يولۇڭدا چىن قەلبى بىلەن ماڭغان خىزمەتكارلىرىڭغا ئەھدەڭدە تۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىسەن.


ئەگەر سەن مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمنى ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئىجرا قىلساڭ، مەن ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.


سۇلايمان پەرۋەردىگارنى ياخشى كۆرگەن ۋە ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئىزىنى باسقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىق سالاتتى.


ئەگەر بۈگۈن مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە چىن قەلبىڭلار بىلەن ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيسەڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلساڭلار،


ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمدى سىلەردىن ئۆزىدىن ئەيمىنىشىڭلارنى، ئۆزىنىڭ يولىدا مېڭىشىڭلارنى، ئۆزىنى سۆيۈشۈڭلارنى، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىڭلارنى،


ئەگەر سىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنساڭلار، ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە تۇرۇپ، سىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىدۇ.


پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار ۋە پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن سۆيۈڭلار.


ئەگەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىپ، ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلساڭلار،


مەن ئۇنى ئۆز بالىلىرى ۋە ئەۋلادلىرىغا مېنىڭ يولۇمنى تۇتۇشنى ھەم ئۇلارنىڭ دۇرۇس ۋە ھەققانىي بولۇشىنى بۇيرۇسۇن، دەپ تاللىدىم. ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.»


ئىبرام 99 ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زاھىر بولۇپ: _ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن داۋاملىق مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، قۇسۇرسىز ئادەم بولغىن.


ھەممىمىزنى قۇتقۇزغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن خىزمەتكارىڭ بولغان ئاتام داۋۇتقا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە دىققەت قىلىپ، خۇددى ساڭا ئوخشاش قانۇنۇمغا ئەمەل قىلسا، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇشقا ئەۋلادىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دەپ ئېيتقانىدىڭ. ئەمدى ئاتامغا قىلغان بۇ ۋەدەڭدە چىڭ تۇرغايسەن.


ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگىنىمدەك، سېنىڭ تەختىڭنى مۇستەھكەم قىلىمەن.


ئۆز-ئۆزۈمگە دېدىم مەن مۇنداق: «قالماسلىقىم ئۈچۈن بولۇپ گۇناھكار، تارتاي تىلىمنى، رەزىللەرنىڭ ئالدىدا تىكىپ قوياي ئېغىزىمنى.»


ياش يىگىت قانداق قىلىپ پاك يولدا ماڭالار؟ ئۇ پەقەت كالامىڭغا ئەمەل قىلغاندا بولار.


مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن ئادەم كەم بولمايدۇ.


مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانالار بولغاي! ئۇ بۈگۈن ئەۋلادىمدىن بىرسىنى تەختىمگە ۋارىس قىلىپ، ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشۈمگە نېسىپ قىلدى».


«سەن بۇ ئىبادەتخانىنى سېلىۋاتىسەن. مېنىڭ ساڭا دەيدىغىنىم شۇكى، ئەگەر سەن ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلىپ، بارلىق قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئەمەل قىلساڭ، مەن ئاتاڭ داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەمنى سەن ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.


لېكىن مەن سۇلايماننىڭ ئوغلىغا بىر قەبىلىنىڭ زېمىنىنى قالدۇرۇپ، ماڭا ئىبادەت قىلىشقا تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمدا خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويمايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite