Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 2:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ مېنىڭ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. جۈرئەتلىك بولۇپ، ئەركەكتەك ياشىغىن.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 2:2
21 Referans Kwoze  

مېنىڭمۇ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى سىلەرنىڭمۇ كۆڭلۈڭلارغا ئاياندۇر.


ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن.


قېرىنداشلار، ئېتىقاد يولىدا ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، مەردانە ۋە قەيسەر بولۇڭلار.


ھەممە ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆلۈشى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىشى بېكىتىلگەن.


پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋاغا مۇنداق دەپ ئەمر قىلدى: _ قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولغىن، سەن ئىسرائىللارنى مەن ئۇلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارىسەن، مەن ساڭا يار بولىمەن.


ئەي ئوغلۇم، سەن ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ كۈچلۈك بول.


باشقىلار سېنى ياش، دەپ ساڭا سەل قارىمىسۇن. سەن سۆزلىرىڭدە، ئەمەلىيىتىڭدە مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بول.


ھەممىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، مەن مۇنداق خۇلاسىغا كەلدىم: خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، مانا بۇلار ئىنسان ھاياتىغا ھەقىقىي مەنە بېرىدۇ.


قايسى ئىنسان ياشاپ ئۆلۈم كۆرمەيدىكەن؟ گۆردىن ئۆز جېنىنى ئامان ساقلاپ قالىدىكەن؟ سېلاھ


بىلىمەن، سەن مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىسەن، بۇ سېنىڭ بارلىق ھاياتلىققا پۈتكەن قىسمىتىڭدۇر.


چۈنكى كۈنلىرىم ئاز قالدى، ئۇزاققا قالماي بارسا كەلمەس جايغا كېتىمەن.»


ئۇ ئوغلى سۇلايمانغا يەنە: _ ئىش قىلغاندا قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولغىن، ھەرگىز قورقمىغىن ھەم بوشىشىپ قالمىغىن! چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا، يەنى مەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا ياردۇر. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسى قۇرۇلۇپ بولغۇچە، سەندىن ئايرىلمايدۇ ۋە سېنى ھەرگىز تاشلىمايدۇ.


ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، گەرچە مەن ياش، تەجرىبىسىز، دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلمىسەممۇ، ئەمما سەن مەن قۇلۇڭنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدىڭ.


جاسارەتلىك بول، خەلقىمىز ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلايلى! پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.


ئەمدى ئۇ ئۆلۈپ كەتتى، يەنە نېمىشقا روزا تۇتىدىكەنمەن، ئۇنى تىرىلدۈرۈۋالالايتتىممۇ؟ مەن ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن، لېكىن ئۇ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلمەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.


ئەگەر سەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر-پەرمان ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلساڭ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن. سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، ھەرگىز قورقما ھەم بوشىشىپ قالما.


يەنە ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە تۆمۈرلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدىغان نۇرغۇنلىغان ماھىر ھۈنەرۋەنلەرمۇ بار. قېنى، ھازىرلا ئىشنى باشلىغىن. پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن.


سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن، پەرۋەردىگار مۇقەددەس جاي بولغان ئىبادەتخانىنى سېلىشقا سېنى تاللىغان ئىكەن، دادىللىق بىلەن ئىشلىگىن!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite