6 ئۇ كۆزىنى ئېچىپ قارىدى. بېشىدا بىر كۆمەچ بىلەن بىر كوزا سۇ تۇراتتى. ئۇ غىزالىنىپ، يەنە ياتتى.
بۇنىڭ بىلەن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى تاشلاپ كېتىپ قالدى. پەرىشتىلەر كېلىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولدى.
قۇزغۇنلار ئەتىگىنى ۋە كەچتە ئۇنىڭغا نان بىلەن گۆش يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇردى. ئۇ ئېقىندىن سۇ ئىچتى.
ئۇلار قىرغاققا چىققاندا، ياغاچ كۆمۈردىن يېقىلغان، ئۈستىدە بېلىق بار گۈلخاننى ۋە ناننى كۆردى.
ھەزرىتى ئەيسا: - بالىلار، سىلەردە بېلىق يوقمۇ؟ - دەپ سورىدى. - يوق، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
يەھۇدىي ئەمەسلەر مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ.
مانا مۇشۇنداق كىشىلەر بىخەتەر جايدا ياشايدۇ، قورام تاشتىن ياسالغان مۇستەھكەم ئۆيلەردە تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ غىزاسى ۋە ئىچىدىغان سۈيى كەم بولمايدۇ.
ياخشىلىق قىل، ئىشەنچ باغلا پەرۋەردىگارغا، تىنچ-ئامان ياشايسەن خۇدا بەرگەن زېمىندا.
ئۇنىڭ يېنىغا بىر ئايال كىردى. ئۇ ئايال ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا ناھايىتى قىممەتلىك ئەتىر ئېلىپ كەلگەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئۇ ئايال ئەتىرنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى.
ئۇ چاتقالنىڭ تۈۋىدە يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. توساتتىن بىر پەرىشتە ئۇنى نوقۇپ: _ تۇرغىن، غىزالىنىۋالغىن! _ دېدى.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەنە ئۇنى نوقۇپ: _ تۇرغىن، غىزالىنىۋالغىن، بولمىسا سەپىرىڭ ساڭا تەس كېلىدۇ، _ دېدى.
سەن شۇ ئېقىننىڭ سۈيىنى ئىچىسەن. مەن قۇزغۇنلارنى ساڭا ئوزۇق ئەكېلىپ بېرىشكە بۇيرۇيمەن.