Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 19:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئىلياس: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مەن سېنىڭ خىزمىتىڭنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن قىلدىم. لېكىن ئىسرائىلىيە خەلقى سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى بۇزۇپ، پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. يالغۇز مەنلا قالدىم، ئۇلار ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 19:10
34 Referans Kwoze  

پادىشاھ ئاخابنىڭ ئايالى، يەنى خانىش ئىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىغاندا، ئوبادىيا ئۇلاردىن يۈز نەپىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىپ، ئىككى ئۆڭكۈرگە ئەللىكتىن يوشۇرۇپ، ئۇلارغا نان ۋە سۇ بەرگەنىدى.)


ئاندىن ئىلياس خەلققە: _ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن پەقەت مەنلا قالدىم، لېكىن بائالنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىدىن 450 نەپىرى بار.


مەندىن باشقا ئىلاھلارغا سەجدە قىلماڭلار، چۈنكى مەن قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن. «قىزغىنىش» مېنىڭ يەنە بىر نامىمدۇر. مەن قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن.


ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.


ئىلياس خەلققە: _ ماڭا يېقىنراق كېلىڭلار، _ دېۋىدى، خەلق ئۇنىڭغا يېقىن كەلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ چېقىپ تاشلانغان قۇربانلىق سۇپىسىنى قايتىدىن ياساپ چىقماقچى بولۇپ،


ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مۇشۇ ئامانلىق ئەھدىسىگە ئاساسەن مەڭگۈ روھانىي بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ماڭا قىزغىن بولۇپ، ساداقەتسىزلەرنى يوقىتىپ، ئىسرائىللارنى گۇناھىدىن ساقىت قىلدى.


_ روھانىي ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس مېنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپىمنى باستى. ئۇ جامائەتنىڭ ساداقەتسىزلىكىدىن ماڭا ئوخشاش قاتتىق نەپرەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەن غەزىپىمنى بېسىپ، ئۇلارنى يوقاتمىدىم.


بۇنى كۆرگەن شاگىرتلىرى زەبۇردا يېزىلغان بۇ سۆزنى ئېسىگە ئېلىشتى: «ئى خۇدا! سېنىڭ ئۆيۈڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن قىزغىن مۇھەببىتىم خۇددى كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئۆزىدۇر.»


سەمىمىي ئادەملەر ئۆلۈپ تۈگىدى. زېمىندا دۇرۇس ئادەم قالمىدى. ھەممە ئادەم قان تۆكىمەن دەپ، بىر-بىرىنى پايلاپ تۇرۇشىدۇ. ھەتتا قېرىنداشلىرىغىمۇ تۇزاق قۇرىدۇ.


چۈنكى سىلەر پادىشاھ ئومرىنىڭ ناچار ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئوغلى ئاخابنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا شېرىك بولدۇڭلار. ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن. ئاھالىلەرنى مەسخىرىگە قويىمەن، سىلەر باشقا ئەللەرنىڭ خورلۇقىغا ئۇچرايسىلەر.»


ئىسرائىلىيە بۇتپەرەسلىك يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمۈمگە مەھكۇم بولۇپ، زۇلۇمغا قالىدۇ.


مەن سىلەرنى جازالىغان بولساممۇ، لېكىن ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. سىلەر مېنىڭ تەربىيەلىرىمگە پىسەنت قىلمىدىڭلار. سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار خۇددى ئاچ شىرلاردەك مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى.


غەزەپلىرىم كۆيدۈرمەكتە تېنىمنى، رەقىبلىرىم مەنسىتمىگەچ سۆزۈڭنى.


چۈنكى مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان مۇھەببىتىم ئۇرغۇتىدۇ خۇددى ئوتتەك مېنىڭ قەلبىمنى. ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ، باستى ھەم مېنىڭ ئۈستۈمنى.


_ بۇ يەردە پەرۋەردىگاردىن سوئال سورىيالايدىغان بىرى بار، _ دېدى ئاخاب، _ لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ. چۈنكى ئۇ مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ھەمىشە ياخشى گەپ قىلمايدۇ، يامان گەپ قىلىدۇ. ئۇ يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر. _ پادىشاھ تۇرۇپ بۇنداق دېسىلە بولمايدۇ! _ دېدى يىھوشافات.


ئىلياس جاۋابەن: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مەن سېنىڭ خىزمىتىڭنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن قىلدىم. لېكىن ئىسرائىلىيە خەلقى سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى بۇزۇپ، پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. يالغۇز مەنلا قالدىم، ئۇلار ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ، _ دېدى.


ئىزەبەل ئىلياسقا بىر ئەلچى ئەۋەتىپ: «ئەتە مۇشۇ چاغدا سېنىڭ جېنىڭنى سەن پەيغەمبەرلەرنىڭ جېنىنى ئالغاندەك ئالمايدىغان بولسام، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىسۇن!» دېدى.


پادىشاھ ئاخاب پۈتۈن ئىسرائىلىيە خەلقىگە خەۋەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرنى كارمەل تېغىغا جەم قىلدى.


ئاخاب ئىلياسقا: _ ئىسرائىلىيەگە بالا كەلتۈرگەن ئادەم سەنمۇ؟ _ دېدى.


مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەن، خوجام ئادەم ئەۋەتىپ، سىلىنى ئىزدىمىگەن بىرمۇ ئەل ياكى پادىشاھلىق قالمىدى. كىشىلەر ئەگەر سىلىنى «ئۇ يەردە يوق» دېسە، ئۇ شۇ پادىشاھلىق ياكى ئەلنى سىلىنى تاپالمىغانلىقىغا قەسەم ئىچكۈزدى.


پەيغەمبەرلەردىن بىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەمراھىغا: _ مېنى ئۇرغىن، _ دېدى. بىراق ئۇ ئۇرۇشقا ئۇنىمىدى.


شۇنىڭدىن كېيىن ھېلىقى پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ بېرىپ مۇداپىئەڭنى كۈچەيت، نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ياخشى ئويلان. چۈنكى ئەتىياز كېلىشى بىلەن ئاررام پادىشاھى ساڭا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىدۇ، _ دېدى.


بۇ چاغدا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ زور قوشۇننى كۆردۈڭمۇ؟ مانا بۈگۈن مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسەن»، _ دېدى.


چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى، ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى، قوي-ئۆچكە تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان ھالدا سەرسان بولۇپ يۈردى، نامراتلىقتا ياشىدى، زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىدى، خورلاندى.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. بۇ خەلق ئۇ زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ، خۇددى پاھىشىلەردەك ساداقەتسىزلىك قىلىدۇ. ئۇلار مېنى تاشلاپ، مەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ.


يېھۇ ئۇنىڭغا: _ مەن بىلەن بىرگە بېرىپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قانچىلىك جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغانلىقىمنى كۆرگىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يېھۇ ئۇنى جەڭ ھارۋىسى بىلەن سامارىيەگە ئەكەلدى.


ئەكسىچە ئۇ بەگزادىلەردىن بىرى بولغان يىراخمىئېلنى، ئازرىئېلنىڭ ئوغلى سىرايانى ۋە ئابدىئېلنىڭ ئوغلى شەلەميانى پۈتۈكچى بارۇك ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەرنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يوشۇرۇپ قويغانىدى.


لېكىن خەلقىڭ ساڭا بويسۇنمىدى. سەندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە قانۇنۇڭنى تاشلاپ قويدى. ئۇلار سېنىڭ يولۇڭغا قايتىشقا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى.


خۇداغا سادىقلىق يوق ئىدى كۆڭۈللىرىدە، شۇڭا ئەمەل قىلمايتتى تۈزگەن ئەھدىسىگە.


بايان قىلسام ساڭا يۈرگەن يوللىرىمنى، جاۋاب بەردىڭ، ئۆگەت ماڭا نىزاملىرىڭنى.


ئى پەرۋەردىگار، ۋاقتىڭ كەلدى ھەرىكەت قىلىشقا، چۈنكى خەلق بويسۇنمىدى قانۇنلىرىڭغا.


لېكىن مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: «مېنىڭ مېھنەتلىرىم بىھۇدىدۇر، مەن كۈچۈمنى سەرپ قىلىپ، ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىدىم.» ئەمما پەرۋەردىگار ماڭا چوقۇم ئادىل مۇئامىلە قىلىدۇ، مېنىڭ مۇكاپاتىم پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite