2 شۇنىڭ بىلەن ئىلياس ئاخاب بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يولغا چىقتى. ئۇ چاغدا سامارىيەدىكى ئاچارچىلىق ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى.
ئېتىزلىقلاردا دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرىنى كۆرىمەن. شەھەر كوچىلىرىدا ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنى كۆرىمەن. پەيغەمبەرلەر ۋە روھانىيلار خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن، پەقەت ۋە پەقەت مەنلا سىلەرگە تەسەللى بېرەلەيمەن. سىلەر كىمدىن قورقىسىلەر؟ ئۆلىدىغان ئادەمدىنمۇ؟ خۇددى ئوت-چۆپكە ئوخشاش سولىشىپ خازان بولىدىغان ئىنساندىنمۇ؟
قاچار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يامانلار، شىردەك باتۇردۇر ھەققانىيلار.
گۇناھ قىلدىم ئالدى بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا، نەزىرىڭدە رەزىل ئىشلار ئىگىسىمەن ئى خۇدا. ئادالەتنىڭ ئىگىسىسەن پەقەت ئۆزۈڭ، ھەقتۇرسەن ماڭا ھۆكۈم چىقارماققا.
نىجاتلىقىم ۋە نۇرۇم تۇرسا پەرۋەردىگار، مەن يەنە كىملەردىن قورقۇپ ياشاي؟ ھاياتىمنىڭ قورغىنى تۇرسا پەرۋەردىگار، يەنە كىملەر ئالدىدا تىترەپ تۇراي؟
شۇنىڭ بىلەن سامارىيەدە قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. قورشاۋغا ئېلىش تاكى بىر ئېشەك كاللىسىنىڭ باھاسى بىر كىلو كۈمۈشكە، 100 گىرام كەپتەر مايىقىنىڭ باھاسى 60 گىرام كۈمۈشكە ئۆسكۈچىلىك داۋاملاشتى.
سىلەرنى ئاش-نانغا زار قىلىمەن، ئۇ چاغدا ئون ئايالنىڭ يۇغۇرغان خېمىرى پەقەت بىر تونۇر نان بولىدۇ. ئاياللار ناننى ئۆلچەپ بېرىشىدۇ، يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر.
ئارىدىن ۋاقىت ئۆتۈپ، قۇرغاقچىلىقنىڭ ئۈچىنچى يىلىغا كەلگەندە، پەرۋەردىگار ئىلياسقا مۇنداق دېدى: _ سەن پادىشاھ ئاخابنىڭ ھۇزۇرىغا بارغىن، مەن زېمىنغا يامغۇر ياغدۇرىمەن.
پادىشاھ ئاخاب ئوردا غوجىدارى ئوبادىيانى چاقىرتتى. (ئوبادىيا پەرۋەردىگارغا تولىمۇ ئىخلاسمەن ئادەم ئىدى.
مېھنىتىڭلار ئۈنۈمسىز بولىدۇ، چۈنكى يېرىڭلاردىن ھېچنېمە ئۆسمەيدۇ، مېۋىلىك دەرىخىڭلار مېۋە بەرمەيدۇ.
پەرۋەردىگار پادىشاھىڭلارغا: ‹مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن ياتقان تۆشىكىڭدىن تۇرالماي، چوقۇم ئۆلىسەن!› دەيدۇ» دېگىن. شۇنىڭ بىلەن ئىلياس پەرىشتىنىڭ ئېيتقىنىدەك قىلدى.
بۇرمىلار ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمنى دائىما، خىياللىرى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشتۇر ماڭا.