4 سەن شۇ ئېقىننىڭ سۈيىنى ئىچىسەن. مەن قۇزغۇنلارنى ساڭا ئوزۇق ئەكېلىپ بېرىشكە بۇيرۇيمەن.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: - تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، - دېدى.
_ ئورنۇڭدىن تۇر، سىدوندىكى زارىفاتقا بېرىپ، شۇ يەردە تۇر. مەن ئۇ يەردىكى بىر تۇل ئايالنى ساڭا يېمەك-ئىچمەك بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردۇم.
خۇدا ئاتا قىلار چارۋا-مالغا ئۆز رىزقىنى، ئوزۇق بېرەر قاقىلدىغاندا قاغا بالىلىرى.
قۇزغۇننىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇپ، خۇداغا نالە قىلغاندا، كىم قۇزغۇنغا يەم بېرىدۇ؟
بۇنىڭ بىلەن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى تاشلاپ كېتىپ قالدى. پەرىشتىلەر كېلىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولدى.
ئەگەر خۇدا سۈكۈتتە تۇرۇۋالسا، كىممۇ ئۇنى تەنقىد قىلالايدۇ؟ ئەگەر ئۇ دىدارىنى يوشۇرۇۋالسا، كىممۇ ئۇنى كۆرەلەيدۇ؟ لېكىن ئۇ مەيلى بىر ئادەم، مەيلى بىر خەلق بولسۇن، ئۇ ھەممىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ،
_ تايىقىنى ئالغىن ۋە ئاكاڭ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى يىغقىن. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ يەردىكى تاشقا سۆزلىگىن، ئۇنىڭدىن سۇ چىقىدۇ. سەن تاشتىن سۇ چىقارغاندىن كېيىن، جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرى ئۇ سۇنى ئىچىدۇ، _ دېدى.
_ سەن بۇ يەردىن ئايرىلىپ، شەرق تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كىرىت ئېقىنى بويىغا بارغىن ۋە شۇ يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغىن.
شۇنىڭ بىلەن ئىلياس پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كىرىت ئېقىنى بويىغا كېلىپ، شۇ يەردە تۇردى.
ئۇ يېتىپ بارغاندا، پەيغەمبەرنىڭ جەسىتىنىڭ يولدا ياتقانلىقىنى، ئېشەكنىڭمۇ، شىرنىڭمۇ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى، شىرنىڭ جەسەتنى يەۋەتمىگەنلىكىنى ۋە ئېشەكنىمۇ تالاپ ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى كۆردى.
يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا پەرۋەردىگارى خۇداغا مۇنداق دۇئا قىلدى: