Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 16:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 26-يىلى باشانىڭ ئوغلى ئەلاھ تىرزاھ شەھىرىدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 16:8
12 Referans Kwoze  

يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى.


دېمەك، پەرۋەردىگاردىن خانانىنىڭ ئوغلى يېھۇ پەيغەمبەرگە ۋەھىي كېلىپ، باشا ۋە ئۇنىڭ جەمەتى ئەيىبلەنگەنىدى. باشا ياروبئامنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقى ۋە ياروبئامنىڭ جەمەتىنى قىرىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنىدى.


ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن زىمرى، يەنى ئۇنىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلىرىنىڭ يېرىمىغا باش بولغان سەركەردىسى ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىدى. بىر كۈنى پادىشاھ ئەلاھ تىرزاھتا ئوردا غوجىدارى ئارزانىڭ ئۆيىدە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ قالدى.


كۆپىيەر ھۆكۈمدارلار گۇناھ كۆپەيسە يۇرتتا، مۇقىملىق داۋاملىشار دانا ۋە بىلىملىك ھۆكۈمدار بولغاندا.


يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئاخىيانىڭ ئوغلى باشا تىرزاھتا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 24 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.


باشا ۋاپات بولۇپ، تىرزاھ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئەلاھ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 27-يىلى زىمرى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ تىرزاھ شەھىرىدە يەتتە كۈن تەختتە ئولتۇردى. ئۇ چاغدا ئىسرائىلىيە قوشۇنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گىببىتون شەھىرىگە يېقىن يەردە بارگاھ قۇرغانىدى.


شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئىسرائىلىيەدىكى خەلق ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. خەلقنىڭ يېرىمى گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىغا ئەگىشىپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلماقچى بولدى. قالغان يېرىمى ئومرىغا ئەگەشتى.


ئومرى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 31-يىلى ئىسرائىلىيە تەختىگە ئولتۇردى. ئۇ ئىسرائىلىيەگە 12 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ ئالدىنقى ئالتە يىلدا تىرزاھتا ھۆكۈم سۈردى.


گادىنىڭ ئوغلى مىناخېم تىرزاھ شەھىرىدىن سامارىيە شەھىرىگە كېلىپ، يابېشنىڭ ئوغلى شاللۇمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.


يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 50-يىلى مىناخېمنىڭ ئوغلى پىقاخيا سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.


ئامون تەختكە چىققان چاغدا 22 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مىشۇللەمەت بولۇپ، يوتباھ شەھىرىدىكى خارۇزنىڭ قىزى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite