3 شۇڭا ئەمدى سېنى ۋە جەمەتىڭنى ياروبئامنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش يوق قىلىمەن.
شۇڭا مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بالايىئاپەت كەلتۈرىمەن. ئىسرائىللار ئىچىدە ساڭا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى-ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن. سېنىڭ جەمەتىڭنى نىجاسەتنى يوقاتقاندەك پۈتۈنلەي يوقىتىمەن.
ئۇ خۇددى ئېشەككە ئوخشاش ئۆلۈكى قەبرىسىز قالىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىلىپ، تاشلىۋېتىلىدۇ.
ئۇلار چىقىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، ئاسىيلارنىڭ تېنىدىكى قۇرتلار ئۆلمەيدۇ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.»
مەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ جەمەتى ۋە ئاخىيانىڭ ئوغلى باشانىڭ جەمەتىنى قانداق يوقاتقان بولسام، ئاخابنىڭ جەمەتىنىمۇ شۇنداق يوقىتىمەن.
سېنىڭ جەمەتىڭدىن شەھەردە ئۆلگەنلىرىنى ئىتلار، دالادا ئۆلگەنلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار يەيدۇ. بۇنى مەن پەرۋەردىگار ئېيتتىم».