Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 16:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 «ئەي باشا، مەن سېنى چاڭ-توزانلار ئىچىدىن تارتىپ چىقىرىپ، ئىسرائىلىيەدىكى خەلقىمگە باش قىلغان بولساممۇ، لېكىن سەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ يولىدا مېڭىپ، خەلقىم ئىسرائىللارنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىدىڭ. خەلقىمنىڭ گۇناھلىرى مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 16:2
16 Referans Kwoze  

ئۇمۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ياروبئامنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى داۋاملىق بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىدى.


سەن بېرىپ، ياروبئامغا ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن سېنى خەلق ئىچىدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلدىم.


ئۇ قۇتقۇزار يوقسۇللارنى يوقسۇللۇق توزانىدىن، ئېلىپ چىقار ئۇ موھتاجلارنى موھتاجلىق ئەۋرىزىدىن. ئولتۇرغۇزار ئۇلارنى شاھزادىلەر قېشىغا، ھەتتا مۇيەسسەر قىلار ئۇلارنى شان-شۆھرەت ئورنىغا. چۈنكى پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر زېمىننىڭ ئۇللىرى، ئۇ قويغاندۇر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دۇنيانى.


تەختىدىن چۈشۈردى ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى، كۆتۈردى ئەرزىمەسلەرنىڭ قەددىنى.


شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنىنىڭ ماددىلىرىدىن ھەتتا ئەڭ كىچىكلىرىگىمۇ خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئەرزىمەس ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىچە، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلار ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر بولسا ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ.


ناداب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يولىدا ماڭدى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلەشنى داۋاملاشتۇردى.


ياروبئامنىڭ بۇتپەرەسلىكى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ۋاز كېچىدۇ.


پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەمدى خىزمەتكارىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ باقسىلا! ئەگەر سىلىنىڭ ماڭا غەزەپلىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان بولسا، قۇربانلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتكەي. ئەگەر بۇنى ئىنسانلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن قىلىۋاتقان بولسىلا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشقا كەتكەي. چۈنكى ئۇلار مېنى يات ئىلاھلارغا چوقۇنسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن قوغلىۋەتتى.


ئەي ئوغۇللىرىم، بۇنداق قىلماڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئارىسىدا يامان نامىڭلارنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم!


مۇسا ھارۇنغا: _ بۇ كىشىلەرنى شۇنچە چوڭ گۇناھقا پاتتۇرغۇدەك، ئۇلار ساڭا نېمە يامانلىق قىلغانىدى؟ _ دېدى.


بالىلار ئوتۇن يىغىۋاتىدۇ، ئاتىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئوتلارنى يېقىۋاتىدۇ. ئاياللار «جەننەت خانىشى» دەپ ئاتالغان ئايال ئىلاھقا ئاتاپ پېچىنە-پىرەنىكلەر پىشۇرۇش ئۈچۈن خېمىر يۇغۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە باشقا ئىلاھلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار ھەممە ئىشلارنى مېنى غەزەپلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite