4 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، يېرۇسالېمدا ئابىيانىڭ ئوغلىنى ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىس قىلىپ، يېرۇسالېمنى قۇدرەت تاپقۇزدى.
لېكىن مەن سۇلايماننىڭ ئوغلىغا بىر قەبىلىنىڭ زېمىنىنى قالدۇرۇپ، ماڭا ئىبادەت قىلىشقا تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمدا خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويمايمەن.
شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگار داۋۇتقا ئەھدە قىلغان خانىدانلىقىنى ۋەيران قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇتقا ئەۋلادىنىڭ تەختىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدى.
مەن ئۆز شان-شەرىپىم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇت پادىشاھقا بەرگەن ۋەدەم ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قۇتقۇزۇپ، قوغداپ قالىمەن».
كۈچلۈك قىلىمەن بۇ يەردە داۋۇت نەسلىنى، ياندۇرىمەن ئۆزۈم تاللىغاننىڭ ئۆمۈر چىرىغىنى.
پەرۋەردىگار، ھاياتلىق چىرىغىمنى ياققۇچىسەن، ئىلاھىم، زۇلمىتىمنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىسەن.
لېكىن خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەردىن تاللىغان يېرۇسالېمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر قەبىلىنىڭ زېمىنىنى قالدۇرىمەن.
لېكىن ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، بۇ ئىشنى سەن ھايات چاغدا قىلمايمەن. پادىشاھلىقىڭنى سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ قولىدىن تارتىۋالىمەن.
«مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى چوڭ بىر خەلق قىلىمەن. مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ، سەن بەخت مەنبەسى بولىسەن.
«مەنكى ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە بۇ ئىشلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ نوتىسى ھەم ئەۋلادى مەن بولىمەن. پارلاق تاڭ يۇلتۇزى مەن بولىمەن.»
يەھۇدىيلار خۇش خەۋەرنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇداغا دۈشمەن بولۇپ قالدى. بۇ، يەھۇدىي ئەمەس سىلەرگە كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزدى. لېكىن، يەھۇدىيلار خۇدانىڭ تاللىغان خەلقىدۇر. خۇدا ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن ئەھدە تۈزگەنلىكتىن، يەنىلا ئۇلارنى سۆيىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەكسىچە، ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ.
ئۇ سېنىڭ كىملىكىڭنى پۈتۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بىلدۈرىدىغان نۇردۇر، خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ شان-شەرىپىدۇر!»
ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇس [مەنىسى «تاش»]. مەن جامائەتچىلىكىمنى بۇ تاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆلۈمنىڭ كۈچىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ.
«مەن زېمىننى ياراتتىم، ئۇنى شەكىلگە كىرگۈزۈپ جايلاشتۇردۇم. ‹ياھۋەھ› مېنىڭ نامىمدۇر. مەن مۇنداق دەيمەن:
ھەم ئۇنىمۇ ئارام ئالدۇرماڭلار، تاكى ئۇ يېرۇسالېمنى قۇرۇپ بولغۇچە ئارام ئالمىسۇن، يېرۇسالېمنى زېمىندىكى ئىنسانلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر قىلسۇن.
فىلىستىيەلىكلەرنىڭ يېرۇسالېمغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىلىدۇ؟ ‹پەرۋەردىگار سىئوننى مۇستەھكەم شەھەر قىلىپ قۇردى، ئۇنىڭ جاپاكەش خەلقى ئۇ يەردە پاناھلىق تاپىدۇ.›»
ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!
سىئون توغرۇلۇق مۇنداق ئېيتىلار: «سىئوندا تۇغۇلغان ھەر مىللەتتىن بولغانلار»، ئۇلۇغ خۇدا ئۆزى سىئوننى پۇختا قىلار.
ئەمما مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي داۋۇتقا ياردەم بەردى. ئابىشاي ھېلىقى فىلىستىيەلىك پالۋان بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ ئىسرائىلىيەنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ قالمىسۇن. بۇنىڭدىن كېيىن جەڭگە چىقمىسىلا، _ دېيىشتى.
ئۇ ئەجدادلىرىڭلارنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرنى تاللىدى. ئۇ شەخسەن ئۆزىنىڭ بۈيۈك كۈچ-قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.
چۈنكى ئىبراھىم ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلدى.
بىراق خۇدا لۇت ياشىغان شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغاندا، ئىبراھىمنىڭ تەلىپىنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇتنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغانىدى.