3 سەن ئۇنىڭ قېشىغا ئون نان، بىرنەچچە توقاچ ۋە بىر قۇتا ھەسەل ئالغاچ بارغىن. ئۇ ساڭا بالىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، _ دېدى.
بائال-شالىشاھتىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشاغا تۇنجى يىغىۋېلىنغان ئارپا ئۇنىدا قىلىنغان يىگىرمە نان بىلەن يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان بىر خالتا دان بەردى. ئېلىشا خىزمەتكارىغا: _ بۇلارنى كۆپچىلىككە تارقىتىپ بەرگىن، ئۇلار يېسۇن! _ دېدى.
پادىشاھ پەيغەمبەرگە: _ مەن بىلەن بارگاھىمغا بېرىپ، غىزالانغىن، مەن ساڭا ئىنئام بېرىمەن، _ دېدى.
لازارنىڭ ھەدىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا: «ئى رەببىمىز، سىز ياخشى كۆرىدىغان دوستىڭىز كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ خەۋەر بېرىشتى.
نائامان ئادەملىرى بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ مەن ئەمدى پۈتۈن ئالەمدە ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىدىن باشقا خۇدا يوق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارلىرىنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغايلا، _ دېدى.
پادىشاھ: _ ئەمىسە بارغىن، ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا مەن بىر مەكتۇپ ئەۋەتىمەن، _ دېدى. نائامان ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا 350 كىلو كۈمۈش، 70 كىلو ئالتۇن ۋە 10 قۇر كىيىم-كېچەك ئېلىپ باردى.
بىر كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى پادىشاھى ئاخازيا سامارىيە شەھىرىدە ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىسىنىڭ پەنجىرىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەقرون شەھىرىنىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن ئۆزىنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىنى سوراپ كېلىش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتتى.
ئۇنىڭ يېنىغا بىر ئايال كىردى. ئۇ ئايال ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا ناھايىتى قىممەتلىك ئەتىر ئېلىپ كەلگەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئۇ ئايال ئەتىرنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى.