پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 13:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 پادىشاھ پەيغەمبەرگە: _ مەن بىلەن بارگاھىمغا بېرىپ، غىزالانغىن، مەن ساڭا ئىنئام بېرىمەن، _ دېدى. Gade chapit la |
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاراڭلاردىن بىرىڭلار ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى تاقىۋېتسەڭلار بولاتتى. شۇنداق قىلساڭلار، مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا ئوت يېقىپ، ئەرزىمەس قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ ئولتۇرمايتتىڭلار. مەن سىلەردىن رازى ئەمەسمەن. ئەمدى مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن قۇربانلىق قوبۇل قىلمايمەن.
يەرەمىيا بۇ يەردىن كېتىشكە تەمشىلىۋاتقاندا، قاراۋۇللار باشلىقى مۇنۇلارنى قوشۇپ قويدى: _ بۇ يەردە قالىدىغان بولساڭ، شافاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانىڭ يېنىغا بارغىن. بابىل پادىشاھى ئۇنى يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن. قايتىپ كېتىپ ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ياشىغىن ياكى نەگە بېرىشنى ئۆزۈڭ تاللىغىن. ئاندىن قاراۋۇللار باشلىقى يەرەمىياغا ئازراق يېمەكلىك ۋە سوۋغات بېرىپ، ئۇنى يولغا سالدى.