Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 13:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 پادىشاھ ياروبئام پەيغەمبەرنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراپ تۇرۇپ، ۋارقىراپ قىلغان سۆزىنى ئاڭلاپلا، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، قولىنى شىلتىپ، «تۇتۇڭلار ئۇنى!» دەپ ۋارقىرىدى. ئۇنىڭغا قارىتىپ شىلتىغان قولى قېتىپ قېلىپ، يىغىۋالالماي قالدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 13:4
26 Referans Kwoze  

بىرەرسى ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولسا، ئۇلار ئېغىزلىرىدىن ئوت پۈركۈپ، ئۇ دۈشمەننى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولغانلار مانا شۇنداق ئۆلتۈرۈلىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا: «مانا مەن شۇ» دېيىشىگىلا، ئۇلار ئارقىلىرىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى.


يەنە شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن ئەۋەتكەن ھەرقانداق بىر كىشىنى قوبۇل قىلغانلار مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچى خۇدانى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.


كېسەلنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات، - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى.


ھەزرىتى ئەيسانى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇنى باش روھانىي قاياپانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن خەلق ئاقساقاللىرىمۇ ئۇ يەردە جەم بولۇشقانىدى.


بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلغىنىڭلار دەل ماڭا قىلغىنىڭلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.


«مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا چېقىلماڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلماڭلار.»


ئاسا خانانىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ۋە ئۇنىڭ پۇتىغا تاقاق سېلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم كىشىلەرنى قاتتىق باستۇردى.


ئاندىن تاشقىرىدىكى قېرى-ياش ھەممە ئەرلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىشىكنى تاپالمىدى.


(شۇ كۈنى ئۇ پەيغەمبەر بىر بېشارەت بېرىپ، مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار شۇنداق بېشارەت بېرىدۇكى، بۇ قۇربانلىق سۇپىسى يېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مايلاشقان كۈللەرمۇ يەرگە چېچىلىپ كېتىدۇ.»)


(دەرۋەقە، كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق بەرگەن بېشارىتى ئەمەلگە ئاشتى. قۇربانلىق سۇپىسى يېرىلىپ، ئۈستىدىكى مايلاشقان كۈللەر چېچىلىپ كەتتى.)


ئۇ موزاي بۇتنىڭ بىرىنى بەيتەل شەھىرىگە، يەنە بىرىنى دان شەھىرىگە قويغۇزدى.


ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇ كىشىنى زىندانغا تاشلاڭلار. مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دەڭلار، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite