Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 11:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پادىشاھ سۇلايمان پىرئەۋننىڭ قىزىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يات ئەللەرنىڭ قىزلىرىغا، يەنى موئابلىق، ئاممونلۇق، ئىدوملۇق، سىدونلۇق ۋە خىتلىق قىزلارغا ئاشىق بولدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 11:1
20 Referans Kwoze  

پادىشاھنىڭ ئاياللىرى كۆپ بولمىسۇن، بولمىسا پەرۋەردىگارغا بولغان مۇھەببىتى سۇسلاپ كېتىشى مۇمكىن. ئۆزى ئۈچۈن كۆپلەپ ئالتۇن-كۈمۈش توپلىمىسۇن.


ئۇلار ساقلار سېنى بۇزۇق خوتۇندىن، زىناخور خوتۇننىڭ شېرىن سۆزلىرىدىن.


شۇندا ساقلار ئۇلار سېنى زىناخور ئايالدىن، تىلى شېرىن، بۇزۇق خوتۇندىن.


دانالىق ساقلار سېنى زىناخور ئايالدىن، شېرىن-شېكەر سۆزلۈك، بۇزۇق خوتۇندىن.


ئۇ يات ئەللەردىن ئالغان ھەممە خوتۇنلىرىنىڭ ئۆز ئىلاھلىرىغا ئىسرىق سېلىپ، قۇربانلىق قىلىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ سەجدىگاھلارنى سالدۇرۇپ بەردى.


چوڭقۇر ئورىدۇر بۇزۇق ئايالنىڭ ئاغزى، ئۇنىڭغا چۈشەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن كىشى.


سۇلايمان مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. سۇلايمان پىرئەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇت شەھىرى»گە ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوردىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە يېرۇسالېم سېپىلىنى سالدۇرۇپ بولغۇچە پىرئەۋننىڭ قىزى شۇ يەردە تۇردى.


كۆرۈنەر كۆزۈڭگە غەلىتە مەنزىرىلەر، ئەقلىڭ ئېزىپ، چىقار ئاغزىڭدىن قالايمىقان سۆزلەر.


ئايالىڭلار ھايات ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىنى ئەمرىڭلارغا ئېلىپ، ئۇلارنى كۈنداش قىلىپ قويماڭلار.


شۇنداقلا ئوغۇللىرىڭمۇ يات خەلقلەرنىڭ قىزلىرىنى نىكاھىغا ئېلىپ، مەندىن يۈز ئۆرۈشى ۋە يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇشى مۇمكىن.


ئاخابقا نىسبەتەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئوخشاش گۇناھ ئۆتكۈزۈش ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇ ھەتتا سىدون پادىشاھى ئەتبائالنىڭ قىزى ئىزەبەلنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇندى


مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان، بەزىلىرى بۇ خوتۇنلاردىن بالىمۇ تاپقان.


كۈچ-قۇۋىتىڭنى سەرپ قىلما، ئۆمرۈڭنى بىكار قىلما، پادىشاھلارنى ۋەيران قىلغۇچى خوتۇنلارغا.


سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام يەھۇدىيەگە پادىشاھ ئىدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 41 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا (پەرۋەردىگار خەلقلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ئىچىدىن تاللىغان شەھەر) 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى.


رىخوبئام ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى. ئوغلى ئابىيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، بەزى يەھۇدىي ئەمەلدارلار ماڭا كېلىپ: _ بەزى ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئۇلار ئارىسدىكى بەزى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارمۇ يەرلىك خەلقلەردىن، يەنى كەنئانلار، خىتلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار، ئاممونلار، موئابلار، مىسىرلىقلار، ئامورلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرىدىن ئۆزلىرىنى نېرى تۇتمىدى.


ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قىزلىرىدىن ئۆيلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىرقىنى بۇلغىدى. ھەممىدىن يامان بولغىنى، بۇ خىل ساداقەتسىزلىك گۇناھىنى ئۆتكۈزۈشتە ئەمەلدارلار بىلەن يېتەكچىلەر باشلامچى بولدى! _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite