3 سۇلايمان ئۇنىڭ سوئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەردى، جاۋاب بېرىشتە بىرەر قېتىممۇ قىينىلىپ قالمىدى.
بارلىق ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىم ئەيسا مەسىھكە مۇجەسسەملەنگەن.
سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.
خۇداغا چىن دىلىدىن ئىتائەت قىلىشنى خالايدىغان كىشى بۇ تەلىملەرنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلەلەيدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى ئۇلارغا ئەمەس، سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى.
مەن ئەمالارنى ئۆزى مېڭىپ باقمىغان، ئۇلار بىلمەيدىغان ناتونۇش يوللارغا باشلايمەن. ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىمەن ھەمدە ئويمان-چوڭقۇرلارنى تۈزلەيمەن. مانا بۇ مەن قىلىدىغان ئىشلار! مەن ئۇلارنى تاشلاپ قويمايمەن.
دانالار بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار، ھاماقەتلەرگە ھەمراھ بولغان زىيانغا ئۇچرار.
سۇلايمان ئۇنىڭ سوئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەردى، جاۋاب بېرىشتە بىرەر قېتىممۇ قىينىلىپ قالمىدى.
شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھنىڭ داڭقىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن سوئاللار بىلەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا زىيارەتكە كەلدى.
شۇڭا مەن تىلىكىڭ بويىچە ساڭا بۇرۇن ھېچكىمدە بولۇپ باقمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمدە بولمايدىغان ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.
ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى سىلىگە كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. دانالىقتا ئۆزلىرى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشايدىلا، يەر يۈزىدە بولۇۋاتقان ھەممە ئىشلارنى بىلىدىلا.
مەن يەنە: «پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ سۆزى مېنى ئەمىن تاپقۇزىدۇ. چۈنكى پادىشاھىم خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشاش ھەق-ناھەقنى ئايرىيالايدۇ» دەپ ئويلىدىم. ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگارلىرى خۇدا سىلىگە يار بولغاي!
ئۇ يېرۇسالېمغا نۇرغۇن ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە تۆگىلەرگە ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي ئەشيالار، ئالتۇن ۋە گۆھەرلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى. ئۇ سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆڭلىگە پۈككەن قىيىن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى سورىدى.
شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ دانالىقىنى، ئۇ قۇرغان ئوردا-سارايلارنى،