Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 10:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۇ يېرۇسالېمغا نۇرغۇن ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە تۆگىلەرگە ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي ئەشيالار، ئالتۇن ۋە گۆھەرلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى. ئۇ سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆڭلىگە پۈككەن قىيىن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى سورىدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 10:2
15 Referans Kwoze  

ئەتىسى، ئاگرىپا بىلەن بەرنىكى ھەيۋەتلىك تەنتەنە بىلەن يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى. ھەرقايسى قوماندان ۋە شەھەر كاتتىۋاشلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كېلىشتى. فېستۇسنىڭ ئەمر بېرىشى بىلەن پاۋلۇس ئېلىپ كىرىلدى.


دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى.


خۇدادىن قورقۇڭلار، گۇناھ قىلماڭلار! جىمجىت يېتىپ ئورنۇڭلاردا، بۇنى چوڭقۇر ئويلىنىڭلار! سېلاھ


«سەن بىلەن سۆزلەشسەم بىزارلىق ھېس قىلامسەن؟ لېكىن كىممۇ سۆزلىمەي چىداپ تۇرالايدۇ؟


پادىشاھ خىزكىيا ئەلچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلارغا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش، خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار، قىممەتلىك مايلار ۋە قورال ئامبىرىدىكى قورالىرىنى، يەنى بارلىق بايلىقلىرىنى كۆرسەتتى. پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئوردىسىدا، شۇنداقلا پادىشاھلىقىدا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرمۇ نەرسە قالمىدى.


شۇنىڭ بىلەن نائامان جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن كېلىپ، ئېلىشانىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى.


پادىشاھ: _ ئەمىسە بارغىن، ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا مەن بىر مەكتۇپ ئەۋەتىمەن، _ دېدى. نائامان ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا 350 كىلو كۈمۈش، 70 كىلو ئالتۇن ۋە 10 قۇر كىيىم-كېچەك ئېلىپ باردى.


شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا تۆت توننا ئالتۇن، نۇرغۇنلىغان خۇشبۇي ئەشيالار ۋە گۆھەرلەرنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ سۇلايمانغا شىبانىڭ ئايال پادىشاھى تەقدىم قىلغان خۇشبۇي ئەشيالاردەك ئۇنچىۋالا كۆپ خۇشبۇي ئەشيالارنى ھېچكىم تەقدىم قىلىپ باقمىدى.


چىراغ ئۈچۈن زەيتۇن يېغى، مۇقەددەس ياغ، ئىسرىق ئۈچۈن خۇشبۇي ئەشيالار،


پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن كېتىپ قالدى. ئىبراھىممۇ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.


سۇلايمان ئۇنىڭ سوئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەردى، جاۋاب بېرىشتە بىرەر قېتىممۇ قىينىلىپ قالمىدى.


يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىي چۆللۈكىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ۋەھىي: «يەھۇدىيەنىڭ ئەلچىلىرى ئېشەكلەرگە بايلىقلارنى ئارتىپ، تۆگىلەرگە خەزىنىلىرىنى يۈكلەپ، شىرلار ۋە زەھەرلىك يىلانلار ماكانلاشقان خەتەرلىك زېمىنلاردىن ئېغىر مۈشكۈلات ۋە جاپالار بىلەن ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچىمۇ ياردەم قىلالمايدىغان بىر دۆلەتكە ئاپىرىپ بېرىدۇ.


شىبا ۋە راماھنىڭ سودىگەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ سۈپەتلىك خۇش پۇراقلىق دورا-دەرمەكلىرى، قىممەتلىك تاش ۋە ئالتۇنلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.


ئۇنىڭغا باج تاپشۇرار تارشىش ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى، سوۋغا تەقدىم قىلىشار شىبا ۋە سىبانىڭ شاھلىرى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite