Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 10:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 پادىشاھ سۇلايمان ئاشۇ ئېسىل ياغاچلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ۋە ئۆز ئوردىسىنىڭ رېشاتكىلىرىنى ھەم ناخشىچىلار ئۈچۈن لىرا ۋە چىلتارلارنى ياساتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم ئۇنچىلىك كۆپ ئېسىل ياغاچ ئەكېلىپ باقمىدى ھەم ھېچكىممۇ بۇنچىلىك كۆپ ياغاچلارنى كۆرۈپ باقمىدى.)

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 10:12
9 Referans Kwoze  

يەنە تۆت مىڭ كىشىنى دەرۋازىۋەنلىككە قويدى، قالغان تۆت مىڭ كىشىنى داۋۇت ئۆزى پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن ياساتقان چالغۇلارنى چېلىشقا مەسئۇل قىلدى.


داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى لىرا، چىلتار، داپ، ساپايى ۋە جاڭلارنى چېلىپ، ھاياجان بىلەن ناخشا ئېيتىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى.


(بۇنىڭدىن باشقا، سۇلايمانغا ھىرام پادىشاھنىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كېلىدىغان كېمىلىرى ئوفىردىن نۇرغۇن ئېسىل ياغاچ ۋە گۆھەرلەرنى ئېلىپ كەلدى.


پادىشاھ سۇلايمان شىبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ناھايىتى كۆپ سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى قاندۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئايال پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۆز ئېلىگە قايتىپ كەتتى.


پادىشاھ سۇلايمان ئاشۇ ئېسىل ياغاچلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ۋە ئۆز ئوردىسىنىڭ پەلەمپەيلىرىنى ھەم ناخشىچىلار ئۈچۈن لىرا ۋە چىلتارلارنى ياساتتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن يەھۇدىيە زېمىنىدا ھېچكىم بۇنداق ئېسىل پەلەمپەي ۋە سازلارنى كۆرۈپ باقمىغانىدى.)


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite