Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 10:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھنىڭ داڭقىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن سوئاللار بىلەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا زىيارەتكە كەلدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 10:1
28 Referans Kwoze  

قىيامەت كۈنى ئەرەبىستاندىكى شەبا پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئاقىلانە سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگەن. مانا، ھازىر بۇ يەردە پادىشاھ سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغى بار.


قىيامەت كۈنى ئەرەبىستاندىكى شەبا پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھى ئورنىدىن تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئاقىلانە سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگەن. مانا، ھازىر بۇ يەردە پادىشاھ سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغى بار.


ياشىسۇن پادىشاھ! ئۇنىڭغا شىبانىڭ ئالتۇنلىرى سوۋغا بولغاي، دائىم دۇئالار قىلىنىپ، كۈنبويى بەخت تىلەنگەي.


ئوبال، ئابىمائېل، شىبا،


كۇشنىڭ ئەۋلادلىرى: سىبا، خاۋىلا، سابتاھ، راماھ ۋە سابتىكا. راماھنىڭ ئەۋلادلىرى: شىبا ۋە دىدان.


ئۇلار ماڭا شىبادىن كەلتۈرۈلگەن مەستىكى رۇمى ياكى يىراق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن پۇراقلىق ئېگىر كۆيدۈرسىمۇ، كارىم يوق! مەن ئۇلارنىڭ ماڭا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان قۇربانلىقلىرىدىن خۇشال بولمايمەن.


يوللىرىڭغا تۆگە كاراۋانلىرى بېسىپ كېلىدۇ، مىديان ۋە ئېفاھنىڭ ياش تۆگىلىرى زېمىنىڭغا تولۇپ كېتىدۇ، شىبانىڭ ئادەملىرىمۇ كېلىدۇ، ئۇلار ئالتۇن ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارنى تارتۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەرنى ئوقۇيدۇ.


ئۇنىڭغا باج تاپشۇرار تارشىش ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى، سوۋغا تەقدىم قىلىشار شىبا ۋە سىبانىڭ شاھلىرى.


دىققىتىمنى بېرىپ مەن ھېكمەتلىك سۆزلەرگە، لىرا چېلىپ شەرھى بېرەي ئۇنىڭ سىرلىق مەنىلىرىگە.


خۇدا ئىنسانلارغا شۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك دانالىقتۇر، رەزىللىكتىن يىراق تۇرۇش ئەقىل-پاراسەتتۇر.»


تەمادىن كەلگەن كارۋانلار ئېقىن ئىزدىشىدۇ، شىبالىق سودىگەرلەر سۇنىڭ ئېقىپ كېلىشىنى كۈتىدۇ.


يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كېلىشكە ئادەملەر ئەۋەتىشكەنىدى.


ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ھەرقانداق ئادەمدىن، جۈملىدىن ئەزراخ خەلقىدىن بولغان ئېتان ۋە ماخولنىڭ ئۈچ ئوغلى، يەنى ھېمان، كالكول ۋە داردانىڭكىدىنمۇ ئارتۇق ئىدى. ئۇنىڭ داڭقى تۆت ئەتراپتىكى پۈتكۈل ئەللەرگە يېيىلغانىدى.


يوقشان شىبا بىلەن دىداننىڭ ئاتىسى ئىدى. ئاشۇرلار، لىتۇشلار ۋە لىئۇملار دىداننىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.


مەڭگۈلۈك ھايات بولسا ھەقىقىي بىردىنبىر خۇدا - سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتۇر.


تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى. ئۆز شاگىرتلىرى بىلەن يالغۇز قالغىنىدا، ئۇلارغا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.


بۇنىڭ بىلەن، بىر پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئاغزىمنى تەمسىل سۆزلەش بىلەن ئاچىمەن، دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىر بولۇپ كەلگەن ئىشلارنى تىلغا ئالىمەن.»


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى ئۇلارغا ئەمەس، سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى.


شىبا ۋە دىدان خەلقلىرى ھەمدە تارشىشتىكى سودىگەرلەر سەندىن: ‹سەن بۇلاڭچىلىق قىلغىلى، يەنى توپلانغان قوشۇنۇڭنى باشلاپ، ئالتۇن-كۈمۈش، چارۋا ماللارنى تالان-تاراج قىلغىلى كەلگەنمۇ!؟› دەيدۇ.»


داڭقىڭ ئەللەرگە تارالدى. چۈنكى مېنىڭ ساڭا بەرگەن سالاپىتىم سېنىڭ گۈزەللىكىڭنى تېخىمۇ تىللاردا داستان قىلغانىدى. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


سۇلايمان ئۇلاردىن ھەر ئايدا 10 مىڭ ئادەمنى نۆۋەت بىلەن لىۋان تاغلىرىغا ئەۋەتتى. ئۇلار لىۋان تاغلىرىدا بىر ئاي، ئۆيىدە ئىككى ئاي تۇراتتى. ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورام ئىدى.


دۇنيادىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسى: «سۇلايماننى كۆرسەك، خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە سالغان ھېكمەتلەرنى ئاڭلىساق» دەپ ئارزۇ قىلاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite